تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۆددە ئايروپىلانى ئۇدا ئۈچ قېتىمدا 504 نەپەر قۇرۇلۇشچىنى قايتۇرۇپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر خەن يوڭگاڭ، لېي خاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ۋە 16- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1-ئىدارىسى گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىنىڭ 504 ئىشچىسى شىئەنگە يىغىلىپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كورلا شەھىرى، چاقىلىق ناھىيەسىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ، گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى رەسمىي باستى.

  گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكى جۇڭگو تۆمۈريول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 2020- يىلى ئېچىۋېتىلىپ تىجارەت باشلايدىغان نۇقتىلىق تۈرى، جۇڭگو تۆمۈريول چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1-ئىدارىسى گېئېرمۇ-كورلا تۆمۈريولى تۈر بۆلۈمى «بىر قولدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇتۇش» تەلىپى بويىچە، تۈرنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى لايىھەسىنى ئىنچىكە تۈزۈپ چىقىپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ھۆددە ئايروپىلان شەكلى ئارقىلىق خادىملارنى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىدى. 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ۋە 16-كۈنى، تۈر بۆلۈمىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى خادىملىرى شىئەنگە يىغىلىپ، شىنجاڭغا قايتىش مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى