تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۇچا شەھىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئۆز مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ سۇپىڭ خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى تەۋەلىكتىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىپ، پات يېقىندا يېتىپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار بولدى.

  3- ئاينىڭ 14- كۈنى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۇچا تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى قايتا ئېچىۋېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتە A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، تۆت مەدەنىيەت يادىكارلىقى مەنزىرە نۇقتىسىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پۈتۈن شەھەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ توپلىنىشى كۈچلۈك، يۈرۈشۈشچانلىقى چوڭ قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، «كۇچا شەھىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەيدان سارايلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگەندە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى؛ پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاشنى؛ مەنزىرە رايونىغا كىرىپ چىققاندا يېشىل رەڭلىك «ساغلاملىق نومۇرى»نى كۆرسىتىش ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى؛ ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى مۇناسىپ ئايرىش تەدبىرى قوللىنىشنى؛ ساياھەتچىلەر ئۆچىرەتتە تۇرغاندا ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، ئۆزئارا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە دېزىنفېكسىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى، ھەر كۈنى ئىش ئورنىغا چىققاندا خادىملارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈردى، ئىش ئورنىغا چىقىشقا ماس كەلمىگەنلەرنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشىغا بىردەك يول قويماي، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  كۇچا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ساياھەت مەنزىرە رايون، مەنزىرە نۇقتىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار ۋە دۆلەت تەقدىرلىگەن ئىلغار خىزمەتچى قاتارلىقلارغا ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن تېببىي خادىملار خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن.

  ھازىر، كۇچا شەھىرىدە يەتتە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا، 14 يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن.

  ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ