تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇم»دىن كېيىنكى ھەقسىز ساياھەت! سانجى ئوبلاستىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى سانجى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى (5A دەرىجىلىك)، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى (4A دەرىجىلىك) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 47 ئورۇننى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خادىملار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى (بىر يۈرۈشتە ئۈچ كىشى)غا يۈزلەندۈرۈشنى قارار قىلغان، يەنى بىر تېببىي خادىم ئىككى ئائىلە تاۋابىئاتىنى ئېلىپ بارسا، ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىياسەت يۇقۇم ئاياغلىشىپ مەنزىرە رايونىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلگەن كۈنىدىن باشلاپ، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، سانجى ئوبلاستىغا ساياھەتكە كەلگەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېببىي خادىملار ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىۋېلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامىسى (كىملىكى،  دوختۇرلۇق كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى، سېسترالىق كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار)نى كۆرسەتسە، بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. (سانجى گېزىتى مۇخبىرى يۆ ۋېنلىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى