تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئەسلىگە كەلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگىراممىسى(مۇخبىر پەن يىڭ): مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتقان، ھازىر شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەن.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا كۆلەملىك كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %91.7كە، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى%100كە يەتكەن؛ زاپاس ساقلانغان خىمىيەۋى ئوغۇت 1 مىليون 785 مىڭ توننا، ئۇرۇقلۇق 302 مىڭ توننا، دېھقانچىلىق دورىسى 10 مىڭ 463.13 توننا، سۇلياۋ يوپۇق 147 مىڭ 400 توننا بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، جەنۇبىي شىنجاڭدا 237 مىڭ 800 مو يازغى بۇغداي تېرىلغان.

  ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتنىشى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش، يولۇچىلار پويىزى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتنىشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى؛ مېھمانخانا، سودا-ساراي، ماگىزىن، يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى، ساتىراشخانا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق تۈرلۈك سودا دۇكانلىرى دېزىنفېكسىيەلەش، خادىملار ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرتى ئاستىدا ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى