تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كۈنىگە 100 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقاردى

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئىشلەپچىقارماقتا. (مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى)

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر موۋ مىن) 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن بولۇپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن  كۈنىگە 100 مىڭنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش كارخانىسى بولۇپ، بىرىنچى تۈردىكى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىغا بولغان تەلىپى يۇقىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، پاكىز سېختا، ئىشچىلار تۇتاش تەنلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ماسكا، پەلەي تاقاپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. سېخ مەسئۇلى لى يۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىر مىنۇتتا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن 100ى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى خۇاڭ شىنجۇڭ مۇنداق دېدى: شىركەت سېتىۋالغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش يېشىل يولىغا ئېرىشتۇق.

 يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق داۋالاش شىركىتى يىلىغا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن 30 مىليوننى ئىشلەپچىقىرىشنى مۆلچەرلىگەن. نۆۋەتتە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە كارخانىدىن تۆتى بار بولۇپ، كۈنىگە 185 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى