تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۈگۈر ناھىيەسى: نامراتلارنى يۆلەش كىچىك، ئۇششاق كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ خۇييۇڭ، لى جيەنپو خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتى نامراتلارنى يۆلەش نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، 30 ئىشچى تەرتىپلىك ھالدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

  «ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۆۋەن كىرىملىك 30 دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، قىيىنچىلىقى بار 15 ئائىلە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىگە پاي قوشۇش شەكلىدە كوپىراتىپنىڭ كوپىراتىپ ئەزاسىغا ئايلىنىپ، تۆۋەن كىرىملىك 45 ئائىلە ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى.» دېدى كوپىراتىپ مەسئۇلى رەمىتۇل ئەلى.

  بۈگۈر ناھىيەسى تارلاق يېزىسى تارلاق كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش كىچىك، ئۇششاق كارخانىسى رۈيتۇڭ پولات قۇرۇلما چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار جىددىي ئىشلەۋاتاتتى. بۇ شىركەت ناھىيەدىكى نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەيدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 84 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالە 20 بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

  بۈگۈر ناھىيەسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، ئالاقىلىشىپ، ماسلاشتۇرۇپ، قەرز ھەل قىلىپ بېرىش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى چىقىرىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى  ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى