تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق يولى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بازىرى تىجارەت باشلىدى

سودىگەر خې جەنچۈن خېرىدارغا كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 14:00تە، ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلبايراق يولى خۇڭجىن رەقەملىك مەھسۇلاتلار مەيدانىنىڭ قوش قەۋەتلىك B رايونىدا، خې جەنچۈن دۇكىنىنى ئېچىپ تۇرۇشىغا تېلېفونى توختىماي سايراشقا باشلىدى، ئۇ تۇنجى كۈنىلا خېرىدارلارغا مال سەپلەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «ئاخىرى ئىش باشلىدۇق، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ بۇلالمىغان بولسىمۇ، بىراق سودىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېدى خې جەنچۈن.

  خې جەنچۈننىڭ دۇكىنىدا ئاساسلىقى ھەرخىل ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدۇ. «چۈشتىن بۇرۇن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن سودا قىلدىم، 100دىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلدىم، نۇرغۇن خېرىدار يۇقۇم مەزگىلىدە سىرتقا چىقالمىغاچقا، ھازىر مەن بىلەن ئالاقىلەشتى، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم» دېدى خې جەنچۈن.

قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر شەھەرچىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا.

  3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر قىزىلبايراق يولى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولدى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرتىپ بويىچە خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك تەرتىپلىك ھالدا بازارغا كىرىۋاتاتتى. «3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىشىكنى ئاچقان، بۈگۈن خېرىدارلار ناھايىتى كۆپ» دېدى بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى. 

جيۇگاڭ سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ما جۇەن تازىلىق قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى