تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەك-ئىچمەك كەسپى خىزمەت «كۆرسەتمىسى»نى ئېلان قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاشخانىدا تاماق يېيىش ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلمەكتە، مېھمانلار قانداق غىزالىنىشى كېرەك؟ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈزگەن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى كۆرسەتمە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كۆرسەتمە دېيىلىدۇ)» ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  «كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تاماق يېگۈچىلەر تاماقخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشى كېرەك، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ياكى قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىغا كىرىشىگە بىردەك يول قويۇلمايدۇ، بايقالغان ھامان تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشكىلىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، ھەمدە ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىشنى ئەسكەرتىش كېرەك.

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر ياۋلاۋسەن شىئەن داڭلىق يېمەكلىكلىرى (شىمالىي دۇكان)، كېنتاكى دوستلۇق تاماقخانىسى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىدا، بىر خىزمەتچىنىڭ دۇكان ئالدىدا تۇرۇپ ئاشخانىغا كىرگەن مېھمانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «كۆرسەتمە»دە يەنە مېھمانلارنىڭ ئاشخانىغا كىرگەندە ماسكا تاقىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە باشلىغان ۋاقىتتا ئاندىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشى، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تاقىۋېلىشى، ئورنىدىن قوزغالغاندا چوقۇم ماسكا تاقىشى تەلەپ قىلىنغان.

  تاماقخانا چوڭ زالىدىكى تاماق ئۈستىلىدە تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئەمەلىي سانى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىنىڭ %50دىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئۇزۇن ئۈستەلنىڭ ئوخشاش رېتىدىكى مېھمانلار ئورۇن قالدۇرۇپ ئولتۇرىدۇ، قارشى تەرەپتە ئولتۇرغانلار قايچىلاشما شەكىلدە ئولتۇرىدۇ؛ يۇمىلاق ئۈستەلدە مېھمانلار ئورۇن قالدۇرۇپ ئولتۇرىدۇ، ئارىلىقى بىر مېتىردىن كەم بولسا بولمايدۇ؛ تېز تاماقخانىلاردا بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاشخانىلار تەدرىجىي ئېچىلغان.

  تاماق ساقلاۋاتقانلارنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەرقايسى تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشىك ئالدىدا زىچ ئۆچىرەتتە تۇرۇشنى چەكلەپ، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاشنى، توردا ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قوللىنىپ تاماق يېيىشكە ئىلھام بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  «كۆرسەتمە»دە، شارائىتى بار يېمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرى (دۇكانلار)دا، تاماق يېيىش رايونىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنى ئايرىم تەسىس قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ