تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يەتتە لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى

  ئەسلىگە كەلگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۇچۇر جەدۋىلى. (جەدۋەلنى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قۇلايلىق ياراتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-قەشقەر، ئۈرۈمچى-خوتەن، ئۈرۈمچى-لەنجوۋ، ئۈرۈمچى-شىئەن، ئۈرۈمچى-جىنەن، ئۈرۈمچى-ۋەنجوۋ-ۋېنجوۋ، قەشقەر-لەنجوۋ-جېڭجوۋدىن ئىبارەت يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-چىڭدۇ، ئۈرۈمچى-جېڭجوۋ، ئۈرۈمچى-نەنچۇڭ-ۋېنجوۋ، ئۈرۈمچى-ميەنياڭ-خەيكوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە 11 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلگەن، 3-ئايدا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئومۇمىي سانىنىڭ 342 قېتىم بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل