تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەكتەپلەر كۈندە دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ساغلاملىقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:

مەكتەپلەر كۈندە دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ساغلاملىقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ، يۈ مېڭرەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى قانداق مۇستەھكەملەش كېرەك؟ 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش شەكلىنى قوللىنىپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئارىسىدا قويۇق ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە مۇدىر ۋىراچ نى مىڭجيەن مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەرقايسى مەكتەپلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ، مەخسۇس سىنىپ تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ مەسئۇل قىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆل دوكلات قىلىش ۋە كۈندە دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساغلاملىقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

نى مىڭجيەن مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى سىرتقا چىقىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تىزىملاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى؛ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتە ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشى؛ مۇناسىۋەتلىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ مەكتەپتىكى بارلىق ئۆگىنىش، خىزمەت سورۇنلىرىدا ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشى، بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقى، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى؛ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئىمكانقەدەر ماسكا تاقاپ دەرس ئۆتۈشى ۋە دەرس ئاڭلىشى كېرەك.

«شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى سىنىپلارنى كىچىكلىتىش شەكلىدە دەرس باشلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەت قاچىلىرىنىمۇ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش؛ ئاشخانىدا تاماقنى ئۇچراشتۇرماي بېرىش شەكلىنى قوللىنىش، ئوقۇغۇچىلار قاچا - قۇچىلارنى ئۆزى ئېلىپ يۈرۈش، تاماقنى ئايرىم يېيىش تۈزۈمىنى قوللىنىش، بىر ئادەمدە بىر قاچا - قۇچا بولۇش، بىر ۋاق تاماقتىن كېيىن بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە چوقۇم قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.» نى مىڭجيەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئىشتىن قېلىش ۋە دەرستىن قېلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە ئەگەر بەزىلەردە قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ياكى قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئايرىپ كۆزىتىش ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، زۆرۈر بولغان يۆتكەپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

نى مىڭجيەن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئەتىياز پەسلى تارقىلىشچان زۇكام ۋە پەسىل خاراكتېرلىك زۇكام كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار كىيىم - كېچەكلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق كىيىشكە دىققەت قىلىشى، سوغۇق تەگكۈزۈۋالماسلىقى كېرەك. ھاۋا ئىللىۋاتىدۇ، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، توپلىشىۋالماسلىقى، ئاز يىغىلىشى، پاراڭلاشقاندا ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ