شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 - يىللىق، تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىدىكى 572 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلايدۇ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، قانداق قىلغاندا ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جيەننى زىيارەت قىلدى.
مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ماسكىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ
دەرس ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە ئەشيالىرىنىڭ تەييار بولغان - بولمىغانلىقى ئائىلە باشلىقلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ليۇ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇداپىئە ئەشيالىرىنى پائال تەييارلاۋاتىدۇ، بۇ ئىككى كۈندە ئەشيالار ئارقا - ئارقىدىن تەييار قىلىنىپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى.
«مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ماسكىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىن بۇ ئىككى كۈندە ئوقۇش باشلىنىپ بىر ئايغا يېتىدىغان ماسكا قاتارلىق باشقا مۇداپىئە ئەشيالىرىنى مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىندى» دېدى ليۇ جيەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردىن ماسكا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت قاتارلىق ئەشيالارغا بولغان ئېھتىياجىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەم شىنجاڭ ئىچىدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىشىنى ماسلاشتۇرغان، ھازىرغا قەدەر، تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلايدىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇداپىئە ئەشيالىرى پۈتۈنلەي تەييار قىلىنغان.
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 - يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كىچىك سىنىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، توپلىنىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ۋاقتىنچە ئېلىپ بارماسلىقنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپ قورۇسىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى، باشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى بىردەك چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئامالنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراشتۇرماي، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، خادىملارنىڭ توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. «ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە تەكشۈرۈش» ۋە «كۈندە دوكلات قىلىش، نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمى تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.
نۆل باشلىنىش نۇقتىسىلىق ئوقۇتۇش بىرتۇتاش يولغا قويۇلىدۇ
«بىز ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا نۆل باشلىنىش نۇقتىسىلىق ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ، توردا ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم پەرق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق.» ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: بىر ئايدىن بۇيان ئازىيىپ كەتكەن ئوقۇتۇش ۋاقتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ۋاقتىنى تەرتىپلىك تەڭشىسە بولىدۇ، دەرسخانىدا ئەمەلىي سىناپ باھالاش قاتارلىقلارغا ئاساسەن، دەرس ۋاقتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.
توردىكى ئوقۇشقا سەۋەبلىك قاتنىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللىنىش تەلىپى بويىچە، ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە يېتىشىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىگىلىنىشىچە، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، توردا «دەرسنى توختاتسىمۇ، ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق» تەلىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەييارلىق ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرگۈزۈشتىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 300 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچىنى توردا تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەزمۇنى ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن دائىملىق تەربىيەلەش، دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش - تەسىس قىلىش، ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نۇقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ليۇ جيەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوقۇتۇش شەكلىنىڭ قانداق تەڭشىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر باش پەللىدە تۇرىدىغانلىقىنى، ئادىل رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن كىتاب تەييار بولۇش، ھەربىر ئادەمدە بىردىن كىتاب بولۇش»
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى دەرسلىك مەسىلىسى توغرىسىدا ليۇ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى دەرسلىك كىتابلارنى تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن كىتاب تەييار بولۇش، ھەربىر ئادەمدە بىردىن كىتاب بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلارنىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تەييارلاپ بولۇندى، باشقا يىللىقلارنىڭ دەرسلىكلىرى ئالدىنقى ھەپتە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا توشۇلدى، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ھەرقايسى يىللىقلار ئوقۇش باشلىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى كىتابلارنى ئالالايدۇ.
ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مائارىپ نازارىتى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيەسى، پىسخىكىلىق تەڭشەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر 1 - سائەتلىك دەرستە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى دەرسىنى ياخشى ئۆتۈپ، ئومۇمىي خەلق «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرغانلىقىدەك بۇ جانلىق، تەسىرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ھاياتلىق تەربىيەسى، ئىلىم - پەن تەربىيەسىنى كۈچەيتىدۇ.