تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا «گۈللىنىش ناملىق» دىۋىگاتىللىق پويىزغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن قومۇل، تۇرپان، غۇلجا، قورغاس، قاراماي قاتارلىق جايلار ئارىسىدىكى ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى پويىزلاردا ئارقا-ئارقىدىن قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزلىرى جەھەتتە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجا، قاراماي، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ھەر قايسى نۆۋەتچى پويىزلار بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە قايتىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا پويىز كۈتمەكتە.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، يولۇچىلار بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئۆتۈپ پويىزغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى