شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر پەن يىڭ) مۇخبىرنىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە، جەمئىي 2850تىن ئارتۇق بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىم داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىدىن 11نى بەلگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئېغىر كېسەل، نەپەس يولى، يۇقۇملىنىش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، پەرۋىش قاتارلىق پەنلەر بويىچە 60تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسنى تاللاپ ئەۋەتىپ، كۆپ پەنلەر بويىچە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ئىختىساسلىقلار ئەترىتىدىن توققۇزنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىلىرىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش، يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھەم 1100 كىشىلىك داۋالاش - پەرۋىش كەسپىي تېخنىكا زاپاس خادىملار ئەترىتى قۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى خادىملار بىلەن مۇۋاپىق تۈردە ئىش ئورنىدا نۆۋەتلىشىپ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش بويىچە يىراق مۇساپىلىك سۇپا قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 1161 داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۇلاپ، 24 سائەت مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتچىلىك قىلىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىق مىسالىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا، «بىر ئادەمگە بىر لايىھە» بويىچە ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يولغا قويدى.
ئېغىر، خەتەرلىك ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا قارىتا ئاپتونوم رايونىمىز بىرىنچى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خەتەرلىك كېسەل مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ECMO قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى ھەم يىراق مۇساپىلىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ، خەتەرلىك ئاغرىقلارغا ھەر كۈنى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاغرىقنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 73 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۈچ ئاغرىق مىسالى قازا قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا قارىتا جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بويىچە ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئاغرىقلارنى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاشنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى %90تىن ئارتۇق ئاغرىقنى جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ داۋالاپ، «بىر ئادەمگە بىر رېتسېپ» بويىچە جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش رېتسېپىنى تۈزۈپ، خېلى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈچ تۈركۈمدە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خۇبېينىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندۇرۇپ، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.