تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋىرى): ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاكتىپ تەييارلاۋاتىدۇ، بۇ ئىككى كۈندە ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.»
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ماسكا مەسىلىسىگە قارىتا، ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ماسكا تارقىتىپ بېرىدۇ.»
3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭدا 572 مىڭ 900 نەپەر تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇش باشلايدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتكۈزۈش يىللىقلىرىدا تۆۋەن دەرىجىلىك سىنىپى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ۋاقتىنچە يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەسلىكنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپلەر تولۇق يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، باشقا مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇش باشلىغاندىن كېيىن «ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە تەكشۈرۈش» ۋە «كۈندە دوكلات قىلىش، نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنىڭ تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە تۇنجى دەرستە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى تەربىيەسى ۋە بۇ قېتىمقى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە مەيدانغا چىققان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تۇرمۇشى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلارنىڭ ئوقۇش ماتېرىياللىرى تولۇق ئەمەلىيلەشتى، باشقا يىللىقلارنىڭ ئوقۇش ماتېرىياللىرى ئالدىنقى ھەپتە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئەۋەتىپ بېرىلدى، كېلەر ھەپتىدىكى تەييارلىق بىلەن، 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەرقايسى يىللىقلار ئوقۇش باشلاشقا تىزىملاتقاندا، ئوقۇغۇچىلار يېڭى كىتابلارنى ئالالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ھەرقايسى يىللىقلار ئوقۇش باشلىغاندا، نۆل باشلىنىش نۇقتىسى ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇپ، توردىكى ئوقۇتۇشتا ساقلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە پەرق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ليۇ جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بىر ئايدىكى ئوقۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىشىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ۋاقتىنى تەرتىپلىك تەڭشەپ، دەرس ۋاقتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، توردىكى ئۆگىنىشكە قاتنىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇشتا قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» تەلىپى بويىچە، ياردەم بېرىش، يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يېتەكچىلىك قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە يېتىشىپ مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يەنە ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ۋە يەسلى قاتارلىق باشقا تۈردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، بىرتۇتاش تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونكرېت ۋاقتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش ئېلان قىلىدىكەن.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى ھەققىدە ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولغا چىقىش ئۆزگىرىشىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئىگىلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى بېكىتىلسە، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تەرتىپلىك مەكتەپكە قايتىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.