تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلدى

ئوقۇرمەن ئارىيەت ئالىدىغان كىتابنى تاللىماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): «مەن ئادەتتە كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇشقا كۆنۈپ قالغان ئىدىم. يۇقۇم مەزگىلدە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ئىزچىل تاقاقلىق تۇردى. ئۈندىداردا ئۇنىڭ ئېچىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن دەرھال ئالدىن كېلىشىپ كۇتۇپخانىغا كېلىپ، چاغاندىن بۇرۇن ئارىيەت ئالغان 10 كىتابنى قايتۇرۇۋېتىپ، يەنە 10 كىتاب ئارىيەت ئالدىم.» 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاۋ سۇ شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدا شۇنداق دېدى.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 15:30دا، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى تۇنجى كۈندە چەكلىك ئېچىۋېتىشنى كۈتۈۋالدى. مۇخبىر نەق مەيداندا، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئالدىن كېلىشىپ قويغان 100 ئوقۇرمەننىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۇتۇپخانىغا كېلىپ، سالاھىيەت پەرقلەندۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن ئۆتۈپ كۇتۇپخانىغا كىرىپ كىتاب ئارىيەت ئالغانلىقىنى، كىتاب قايتۇرغانلىقىنى ھەمدە پۈتۈن جەرياندا ماسكا تاقىغانلىقىنى كۆردى.

كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان ئوقۇرمەنلەر بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرتمەكتە.

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى: ھەر سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە سائەت 12:00دىن 17:00گىچە بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئالدىن كېلىشىش نومۇرىغا ئاساسەن كۇتۇپخانىغا كىرىدۇ، بىر نومۇرغا بىر ئادەم ئالدىن كېلىشىش ۋاقتى بويىچە كۇتۇپخانىغا كەلسە بولىدۇ.

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كىتاب تولۇقلىماقتا.

«ئوقۇرمەنلەر شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى›(新疆图书馆) ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ، ئالدىن كېلىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئوقۇرمەنلەر ماسكا تاقاپ، ئالدىن كېلىشىپ قويغان ۋاقىتقا ئاساسەن كۇتۇپخانىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن كىرىپ، كۇتۇپخانىغا كېلىپ تىزىملاش ئىككىلىك كودىنى سېكانىرلاپ، كۇتۇپخانىغا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، كىتاب قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ زالغا قايتىپ كېلىپ يەنە بىر قېتىم كۇتۇپخانىغا كېلىپ تىزىملاش ئىككىلىك كودىنى سېكانىرلاپ، كۇتۇپخانىدىن ئايرىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك، شۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى قېتىملىق كۇتۇپخانىغا كىرىشنى ئالدىن كېلىشىپ تىزىملىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى لى لى تونۇشتۇرۇپ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەلىپى ھەمدە شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر بۇ كۇتۇپخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى كىتاب ئارىيەت ئېلىش زالىلا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، كىتاب ئارىيەت ئېلىش، كىتاب قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەنلا تەمىنلەندى، ھەر كۈنى ئالدىن كېلىشىپ كۇتۇپخانىغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى 100 كىشى بىلەن چەكلەندى ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئارىلىقى 1.5 مېتىردىن يىراق بولغان بىخەتەر ئارىلىق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىندى. كۇتۇپخانىدا ئوقۇش، تەكرار قىلىش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر يەنىلا ۋاقتىنچە توختىتىش ھالىتىدە تۇرماقتا.


ئوقۇرمەن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىدە كىتاب قايتۇرماقتا.

كۇتۇپخانا رەسمىي ئېچىلىۋېتىلگەندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە، ئارىيەت ئالغان كىتاب قايتۇرۇلسا قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش خىلاپلىق پۇلى ئېلىنمايدۇ

«كۇتۇپخانا ئېچىۋېتىلگەن كۈنىنىڭ ئالدىن كېلىشىش نومۇرى يېرىم كۈندىلا توشۇپ بولدى، يەنە نۇرغۇن ئوقۇرمەن ئىككىنچى كۈنىدىكى ئالدىن كېلىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.» لى لى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتاب ئارىيەت ئېلىش مەزگىلى 30 كۈن بولغاچقا، يۇقۇم سەۋەبلىك كۇتۇپخانا ۋاقىتلىق تاقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىنغان كىتاب، ئېلىكترونلۇق كىتابلارنىڭ قايتۇرۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 00:00دىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 23:59غىچە بولغان ئارىلىقتا قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن كىتاب ئىناۋەت زاكاز تالونلىرىنىڭ قايتۇرۇش ۋاقتىنى جيېيۆباۋ بىردەك 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23:50كە ئۇزارتقان.

ئوقۇرمەنلەر كىتاب تاللىماقتا.

لى لى مۇنداق دېدى: «ئۆيدە قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن كىتابلار بولسا جىددىيلەشمەي، توردا ئالدىن كېلىشىپ، ئاندىن كۇتۇپخانىغا بېرىپ قايتۇرۇۋەتسە بولىدۇ، كۇتۇپخانا رەسمىي ئېچىلىپ 30 كۈن ئىچىدە كىتاب قايتۇرۇلسا، كۇتۇپخانا تاقالغان مەزگىلدىكى قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن خىراجەت كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ شەخسلەرنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.»

بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەر ۋە كۇتۇپخانا خادىملىرىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى كۇتۇپخانا ئىچىدىكى ئاممىۋى رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يوقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، زال، كارىدور، ئاممىۋى ئوقۇش رايونى، تازىلىق ئۆيى، لىفىت، ئەخلەت ساندۇقى، كۆزەتخانا ۋە ئىشخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يوقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئوقۇرمەنلەر قايتۇرغان كىتابلار 1-قەۋەتتىكى كىتاب ئارىيەت ئېلىش، قايتۇرۇش رايونىغا بىر تۇتاش يىغىلىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن جازىغا تىزىلدى.

ئوقۇرمەن كىتاب كۆرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى