تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش - تىرانسپورتىدا تىجارەت ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاشيول قاتنىشىدا تىجارەت ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىپ، كىشىلەر راۋان يۈرىدىغان، ئاپتوموبىللار راۋان قاتنايدىغان، ماللار راۋان توشۇلىدىغان مەنزىرە قايتىدىن نامايان بولدى.

«ياخشىمۇسىز، بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ باقاي» دېدى تۆمۈريول ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىسى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋوگزالغا كىرگەن يولۇچىلارغا. پويىز كۈتۈش زالىدا، خىزمەتچى خادىملار دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش ئىدى.

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىكى پويىزلارنى ۋە ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار پويىزى 12 جۈپكە، شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزى 66.5 جۈپكە يېتىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يولۇچىلار سىجىل كۆپەيدى.

خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈردى.

3 - ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق غول لىنىيەلەردە ئەسلىدىكى كۈنىگە ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشتىن كۈنىگە تۆتتىن ئالتىگىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشقا كۆپەيتىلدى، ئالتاي، كۇچا، كورلا قاتارلىق جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيەلەردىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ شىنجاڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ سانى ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ زىچلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ شىمالىي جۇڭگو تەۋەلىك رايونىدا بېيجىڭ، شىئەن، خېفېي، جىنەن، لەنجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى زىچلاشتۇرۇش ئاساسىدا، تيەنجىن، كۆكخوت، داليەن، چاڭچۈن قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە B787 كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى سېلىندى؛ شەرقىي جۇڭگو تەۋەلىك رايونىدا جېڭجوۋ، شاڭخەي خۇڭچياۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇش ئاساسىدا، شاڭخەي پۇدۇڭ، نەنياڭ، يىۋۇ، يىنچۈەن، شۈجوۋ، ۋېنجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ ئوتتۇرا، جەنۇبىي تەۋەلىك رايوندا گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، خەيكوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇش ئاساسىدا، چاڭشا، شېنجېن، جۇخەي قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قاراماي - جېڭجوۋ - گۇاڭجوۋ، ئالتاي - جېڭجوۋ - گۇاڭجوۋ ھەم قەشقەر - ئاقسۇ - چۇڭچىڭ، خوتەن - كورلا - چېڭدۇ قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى رايونلاردىن شەرقىي لىنىيەدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

دىققىتىنى شىنجاڭ ئىچى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسىگە قاراتقان خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا يولى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇردى. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچى، شىنجاڭ سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

تاشيول يولۇچى تىرانسپورتى جەھەتتە، ھازىر، شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى لىنىيەلىرىنىڭ نورمال تىجارىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، شەھەرلەر ئارا، ناھىيەلەر ئارا، ناھىيە ئىچى يوللىرىدا قاتنايدىغان يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلىرى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەنزىلگە قاراپ ماڭدى. خوتەن ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئارىسىدىكى يولۇچى تىرانسپورت تىجارىتى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، خوتەن شەرقىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى، خوتەن غەربىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى، خوتەن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى بېكىتى ۋە خوتەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار راۋانلاشتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 68 جۈپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونى نورمال ئىشقا كىرىشتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى ئاسانلا ئاپەت يۈزبېرىدىغان يول بۆلەكلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، تاشيوللارنىڭ بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى