تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى مېۋە-چىۋە، كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرى كەينى-كەينىدىن تىجارەت باشلىدى

 شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئالدىراش مەنزىرە كۆرۈلدى.

 شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئالدىراش مەنزىرە كۆرۈلدى.

 شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئالدىراش مەنزىرە كۆرۈلدى.

 شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئالدىراش مەنزىرە كۆرۈلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ تاۋ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى مېۋە-چىۋە، كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرى كەينى-كەينىدىن تىجارەت باشلىدى. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، مۇخبىرلار شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى(تۆۋەندە جيۇدىڭ بازىرى دېيىلىدۇ) ۋە يېڭى بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىدا زىيارەتتە بولدى.

   جيۇدىڭ بازىرى: كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 توننىدىن ئارتۇق مېۋە-چىۋە، كۆكتات تەمىنلەندى

   شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دە، جيۇدىڭ بازىرىدىكى مېۋە-چىۋە، كۆكتات توپ سېتىش زالىدا، خېرىدارلار تەرتىپلىك ھالدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، ئۇچۇر تىزىملاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملاپ زالغا كىرىۋاتاتتى.

  «يۇقۇم مەزگىلىدە، ھەركۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېۋە-چىۋە، كۆكتات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار بازارغا كىرىدۇ، بىز ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنى ئايرىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، دائىم تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز» دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چىن جۇڭ.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بىرىنچى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جيۇدىڭ بازىرىدىكى 1082 كۆكتات ۋە مېۋە تىجارەتچىسىنىڭ ھەممىسى تىجارەت باشلىغان، توڭلىتىلغان مەھسۇلات، خەلقئارا يېمەكلىك شەھەرچىسى قاتارلىق بازاردىكى 348 تىجارەتچىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تىجارەت باشلىغان.

  جيۇدىڭ بازىرىنىڭ ئۇچۇر خادىمى خەن چىڭشيا مۇنداق دېدى: ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاسان ساقلىغىلى بولىدىغان كۆكتاتلار، مەسىلەن دابەيسەي، ياڭيۇ، سەۋزە، قىزىل لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە سېتىلىشى بىر قەدەر تېز بولدى، شىنجاڭلىقلار داپەنجىگە ئامراق، شۇڭا ياڭيۇ ۋە قىزىل لازىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ.

  يېڭى بېييۈەنچۈن: ھەر كۈنى 100 توننا كۆكتات سودىسى بولىدۇ

  شۇ كۈنى سائەت 14:00تە، يېڭى بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، خىزمەتچى خادىملار كۆكتات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بازاردىكى ھەربىر دۇكاننىڭ تېمىغا «دېزىنفېكسىيە قىلىندى» دېگەن بەلگە چاپلانغان ئىدى، خىزمەتچى خادىملار ئاممىۋى رايونلارنىڭ يەر يۈزىنى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتاتتى.

  يېڭى بېييۈەنچۈن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى ئۇچۇر نازارەت قىلىش-ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى لى شۆشەن مۇنداق دېدى: تىجارەت باشلىغان دۇكانلار %30نى ئىگىلەيدۇ، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، بىز تىجارەتچىلەرنى مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، مال مىقدارىنى كۆپەيتىش، باھا قوشماسلىق، ئىزچىل تەمىنلەش، بازار سودىسىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاشقا يېتەكلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ