ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوقۇش باشلاپ، دەرسنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جايلار، مەكتەپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3-يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلىشى كېرەك. تەۋەلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىپ، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پىلان لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاپ، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكى، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.