تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يولۇچىلار پويىزى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ تاۋ): 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتنىشى زور كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان يولۇچىلار پويىزى 12 جۈپكە، شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزى 66.5 جۈپكە يېتىدىكەن. پويىزلارنىڭ قېتىم سانى تۆۋەندىكىچە:

  شىنجاڭ ئىچى ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:

  ئۈرۈمچى بىلەن قۇمۇل ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن D8802 قېتىملىق، D8812 قېتىملىق، D8814 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، قومۇلدىن D8807 قېتىملىق،D8817 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن D8808 قېتىملىق پويىز، قومۇلدىن D8803 قېتىملىق، D8813 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن C8743 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، غۇلجىدىن C8748 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن كۈيتۈن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن C8729 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن  C8727 قېتىملىق، كۇيتۇندىن C8722 ۋە C8730 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن شىخۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن شىخۇغا C8723 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، شىخۇدىن ئۈرۈمچىگە C8726 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن قورغاس ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا C8747 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ قورغاستىن ئۈرۈمچىگە C8744 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن قاراماي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن قارامايغا C8769 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ قارامايدىن ئۈرۈمچىگە C8762 قېتىملىق، C8766 قېتىملىق، C8770 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، ئۈرۈمچىدىن قارامايغا C8763 قېتىملىق،C8767 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئادەتتىكى يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ  ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:

  كورلا بىلەن خېجىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ كورلىدىن K9836 قېتىملىق، K9838 قېتىملىق، K9840 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، خېجىڭدىن K9835 قېتىملىق، K9837 قېتىملىق،K9839 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن K9772/3 قېتىملىق، K9782/3 قېتىملىق، K9776/7 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇدىن K9774/1 قېتىملىق، K9784/1 قېتىملىق، K9778/5 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئاقسۇ بىلەن كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇدىن K9846 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، كورلىدىن K9845 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئاقسۇ بىلەن كۇچا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇدىن K9746 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، كۇچادىن K9745 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن K9786/7 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەردىن K9788/5 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  قەشقەر بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەردىن T9531 قېتىملىق، T9535 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ،  خوتەندىن T9534  قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن  T9536 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، قەشقەردىن T9533 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ .

  ئۈرۈمچى بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن T9540/1 قېتىملىق، Y962/3 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن T9542/39 قېتىملىق، Y964/1 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  غۇلجا بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ غۇلجىدىن K9718/9 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن K9720/17 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن قورغاس ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن Y951 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ قورغاستىن Y952 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  غۇلجا بىلەن قورغاس ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ غۇلجىدىن K9631 قېتىملىق، K9633 قېتىملىق، K9635 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، قورغاستىن K9632 قېتىملىق، K9634 قېتىملىق، K9636 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن چۆچەك ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن K9857 قېتىملىق، T9519 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ چۆچەكتىن K9858 قېتىملىق، T9520 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن ئالتاي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن K9791 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئالتايدىن K9792 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن چىگىشور(سىكېشۇ) ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن K9751 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، چىگىشور(سىكېشۇ)دىن K9752 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن قاتنايدىغان 7556/7 قېتىملىق پويىزنىڭ كۈندىلىك قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن قاتنايدىغان 7558/5 قېتىملىق پويىزنىڭ كۈندىلىك قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  قەشقەر بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەردىن 5809 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن 5810 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  ئۈرۈمچى بىلەن قاراماي ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزلىرى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدىن K9849 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ھەر شەنبە كۈنى قارامايدىن K9850 قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يولۇچىلار ھەر قايسى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتىنى ئالاقە تورى، ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سېتىۋالسا بولىدۇ. يولۇچىلار ۋوگزال ئۇقتۇرۇشى ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى<新疆铁路> » ئۈندىدار ۋە مىكروبىلوگ سۇپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ياكى جۇڭگو تۆمۈريول مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىگە كىرىپ، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش تېلېفونى 12306 ئارقىلىق پويىزنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ