تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئالتاي-ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جۇ دەندەن خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 15:51دە، CZ6841 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇشى بىلەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيىسىدە قاتناش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ئالتاي ئايرودرومىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا، بارلىق يولۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، ماسكا تاقاپ كىرىۋاتقانلىقىنى، تېببىي خادىملار سەپەرگە چىققان ۋە قايتىپ كەلگەن بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپراتۇرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆلچەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى جىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ھەربىر يولۇچىنىڭ چوقۇم ماسكا تاقىشىنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى بىر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن دېزىنفېكسىيە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز».

  ئالتاي ئايرودۇرۇمىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا، خىزمەتچىلەر دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى، ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدىكى كىشىلەر ئاسان ئۇچرىشىدىغان نۇقتىلىق ئورۇنلار، يەنى ئىشىك تۇتقۇچى، تۇتقۇچ، ئورۇندۇق ۋە تازىلىق ئۆيى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى كۆپەيتتى.

  ئالتاي ئايرودۇرۇمىنىڭ پارتىيە-ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋېي خېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى باسقۇچتا، بىز ئايروپىلانغا چىقىشنى تىزىملىتىش پوكىيى، ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى، ئىشخانا رايونى قاتارلىق ئاممىۋى رايونلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپىرى ۋە ئىشقا چۈشۈشى ئۈچۈن بىخەتەر، خاتىرجەم مۇھىت ياراتتۇق.

  ئايروپىلانغا چىقىش ھالقىسىدا، خىزمەتچى خادىملار ئورۇن نومۇرىغا ئاساسەن يولۇچىلارنى رەتكە ئايرىپ چاقىرىتىپ، ئۆچرەت ئارىلىقىنى تەڭشىدى، يولۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇشىغا مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، يولۇچىلارغا بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتتى. يۈك-تاق ئېلىش رايونىغا ئايلانما يۈك-تاق ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ توپلىشىۋېلىشىنى ئازايتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى خىزمەتچى خادىملارنىڭ شەخسىي مۇداپىئە ۋە يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن، ئايروپىلان خادىملىرىدىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىش، ئۇچۇۋاتقان پۈتكۈل مۇساپىسىدە ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلاندىكى ئەدىيال، تىڭشىغۇچ قاتارلىق ئاممىۋى بۇيۇملارنى تەكرار ئىشلىتىشنى، تاماق ۋە ئىچىملىك تىزىملىكى، گېزىت-ژۇرنال قاتارلىقلارنى سەپلەشنى توختاتقان.

  ئالتاي ئايرودۇرۇمى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايرودۇرۇمنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ۋە يولۇچىلارنىڭ راۋان سەپەر قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، بىر قولىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى، بىر قولىدا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ