تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قول ھۈنەر بويۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چەي جيەن، چېن يۆ، ئەلفىرە مۇختەر، رايىدىن سۇلايمان، سەمىجان تۇرسۇن، گو جىڭ، مەمەتئىلى ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى): كەشتە تىكىش، چالغۇ ئەسۋابلىرى ياساش، زاكاسنى ئۈلگۈرتۈش. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قول ھۈنەر بويۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىشنى بارا-بارا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  3-ئاينىڭ 6-كۈنى، قورغاس ناھىيەسى ساربۇلاق بازىرى چىپارئاغاش كەنتىدىكى سانىيە توختاسىن ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كەشتە تىكىۋاتاتتى. كېسىش، نۇسخا سىزىش، كەشتىلەش، ياستۇققا قاپلاش، بىر ياستۇق مانا مۇشۇنداق تەييار بولدى.

  سانىيە توختاسىن ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ياستۇق قېپى كەشتىلىمەكتە.

    سانىيە كەشتىچىلىكنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. 2013-يىلى، ئۇ كەنتتىكى 10 نەچچە ئاچا-سىڭىلغا باشلامچىلىق قىلىپ، كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، تەربىيەلەش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاياللارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزدى. ھازىر كوپىراتىپ ئەزاسى 70تىن ئاشتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قوبۇل قىلىدىغان زاكاس توختاپ قالمىدى.

    سانىيە مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك ئائىلىسىدە كەشتە تىككەندە يىپلارنى ماسلاشتۇرالمىسا ياكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، مەن توردا يېتەكچىلىك قىلدىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغاندىن كېيىن، مەن ئائىلە ئاياللىرىنى قولدا توقۇش ۋە كەشتە تىكىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، خام ماتېرىياللارنى ئاچا-سىڭىللارغا تارقىتىپ بېرىپ، يېرىم تەييار مەھسۇلاتقا ئايلانغاندىن كېيىن بىر تۇتاش يىغىۋالدىم».

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت ئاھالە كومىتېتىمۇ ئۆيىدە زاكاس ئالىدىغان ئاياللارغا ئارقا سەپ كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلغان.

    «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر كۆپرەك، ئۆيىدە كەشتىچىلىك قىلسا، ئۇلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنى كۆپ تەرەپتىن قوللىدۇق ۋە ياردەم قىلدۇق. بىز ئۇلارغا رەڭلىك يىپ، رەخت قاتارلىق خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە ياردەم بەردۇق ھەمدە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردۇق، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، بىز يەنە سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىپ چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىمىز» دېدى چىپار ئاغاش كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سانىيە راۋۇپ.

  3-ئاينىڭ 2-كۈنى، قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى گۈلباغ كەنتى خۇشناۋا قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى خادىملار ماسكا تاقاپ، خىزمەت كىيىمى كىيىپ، چاغاننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر چالغۇ ئەسۋابلىرى دۇكىنى زاكاس قىلغان چالغۇلارنى جىددىي ياسىماقتا ئىدى.

  قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى گۈلباغ كەنتى خۇشناۋا قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى چالغۇ ئەسۋاب ياسىماقتا

  چوڭھاجى ئابدۇرىشىت بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ قولدا  مىللىي چالغۇلارنى ياساشقا ئۇستا بولۇپ، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ بۇ كەسىپنى ئۆگەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2013-يىل چوڭھاجى كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ۋە نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى ھەم تېخنىكا بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئاساسلىقى دۇتار، راۋاپ، داپ، دۇمبىرا قاتارلىق 13 خىل چالغۇ ئەسۋاب ياسىلىدىغان بولۇپ، ئەسۋابلار شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. 2019-يىلى 4-ئايدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مەبلىغى بىلەن قوللىشىدا، چوڭھاجى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ زورايتىپ، كەنتتىكى 95 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرغان.

     چوڭھاجى مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ھەركۈنى ماسكا تاقىدى، سېخنى كۈندە نەچچە قېتىم دېزىنفېكسىيەلىدى، بىز تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىدۇق. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى، مەن كېيىنكى قەدەمدە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش، ئوراپ-قاچىلاپ سىرتقا چىقىرىشتا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، چالغۇ ئەسۋابلىرى ياسايدىغان تېخىمۇ كۆپ ھۈنەرۋەنلەرنى تەربىيەلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

    لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى دۆڭئازما كەنتى ئالتۇن يىڭنە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، لوپ ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ ھەركۈنى ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇنقى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى ھەم ئۇلارغا «رەتلىك تىزىلىپ بەدەن تېمپېراتۇراڭلارنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن كوپىراتىپقا كىرىڭلار، باشقىلار بىلەن 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاڭلار، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇڭلار ھەم دېزىنفېكسىيە قىلىڭلار، توپلىشىپ پاراڭلاشماڭلار، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭلار. ئەگەر سالامەتلىكىڭلاردا بىنورماللىق كۆرۈلسە، چوقۇم دەل ۋاقتىدا دوكلات  قىلىڭلار!» دەپ قايتا-قايتا ئەسكەرتتى.

  لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى دۆڭئازما كەنتى ئالتۇن يىڭنە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

    ئالتۇن يىڭنە قول ھۈنەر بويۇملىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەنت ئاھالىسى نازىگۈل توختىقۇربان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى ياستۇق، كىرلىك، ئايالچە سومكا، دوپپا قاتارلىق بويۇملار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ھازىر 75 خىزمەتچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 55ى نامرات ئاھالە.

    «بىر تۈركۈم زاكاسنىڭ ۋاقىتى قىستاپ قالغانىدى، خىزمەت ئەترىتى مەن بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشۈمگە ياردەم بەرگەچكە، زاكازنى ئۈلگۈرتەلىدۇق، مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بېيجىڭدىكى بىر كارخانا بىلەن 575 مىڭ يۈەنلىق توختام ئىمزالىغانىدى. ھازىر بىز سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز» دېدى نازىگۈل.

    كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋېن خەييۈن مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىزمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتتۇق. جاپالىق بولسىمۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىش باشلىغانلىقىنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاردۇقىمىز چىقتى».

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك نورمال ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال ماسلاشتۇردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، كارخانىنىڭ ئىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى