تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدىكى %90 كارخانا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما جۈن خەۋىرى): «زاۋۇتقا قايتقىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، كۆپچىلىك رەتكە تىزىلىپ، بەدەن تېمپېراتۇراڭلارنى ئۆلچىتىڭلار، دېزىنفېكسىيە قىلىڭلار.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن 21 خىزمەتچى ھۆددە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، 1600 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، شىنجاڭ شۆشەن گويۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە قايتىپ ئىشقا چۈشتى. شۇ كۈنى، زاۋۇتقا قايتقانلار ئىچىدە يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 45 خىزمەتچىمۇ بار ئىدى.

  شىنجاڭ شۆشەن گويۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى دېيىلىدۇ)نىڭ زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا جايلاشقان. گۈلپىيە باتۇر شۇ كۈنى كارخانىغا قايتىپ ئىشقا چۈشكەن 66 خىزمەتچىنىڭ بىرى. ئۇ مۇخبىرلارغا: «ياتاقنى دېزىنفېكسىيەلەپ بولدۇق، باشقۇرۇش مەركىزى كۆپچىلىككە كارىۋات ۋە يوتقان كىرلىكى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىر تۇتاش تارقىتىپ بەردى» دېدى.

  زامانىۋىي يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىش ئورنىغا قايتقان 21 خىزمەتچى زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىن، يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرى ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، تىزىملىدى ھەم ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى بىر تۇتاش دېزىنفېكسىيە قىلدى. شىركەت يەنە ئىشخانا بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن توققۇز ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ، ھەر كۈنى بىر تۇتاش ساغلاملىق تەكشۈرۈش، بىر تۇتاش تاماق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

  شىنجاڭ تەيكۇن گۇرۇھى سانجى يەم-خەشەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، مۇخبىرلار ھىم ھالەتتىكى دېزىنفېكسىيە يولىغا كىرىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كىملىك تىزىملاش، پۈتۈن بەدەننى دېزىنفېكسىيەلەش، ئېقىن سۇدا قول يۇيۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن زاۋۇت رايونىغا كىردى.

  تەييار مەھسۇلات سېخىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى، يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى ئۇستىسى ۋاڭ شىجۈن ماسكا تاقاپ، مال قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. شىركەت باش دىرېكتورى نيې شياۋخۇ مۇنداق دېدى: «بىز 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان يېڭىدىن كۆپەيگەن خېرىدار 100گە يەتتى، بۇ ئاپتوموبىللار قومۇلغا چوشقا يېمى توشۇماقچى، زاكاز تالونى 2000 توننا، بۈگۈن 66 توننا توشۇلدى. ھازىر ئىككى سېختىكى بەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى، 86 خىزمەتچى ئىككى ئىسمېنا بويىچە ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 توننا يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى 1000دىن ئارتۇق باقمىچى ئائىلىسىنىڭ كالا، قوي، چوشقا، توخۇلىرىنىڭ يەم-خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز».

  شىنجاڭ جىرۇيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۈرۈمچى، سانجى رايونىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق داۋالاش كارىۋىتى تەييارلاپ بەردى. ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يەن شىڭنيەن مۇنداق دېدى: «ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، سانجى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى مەخسۇس ئۈچ پارتىيەلىك كادىرنى شىركتىمىزدە تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى».

      سانجى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى كەسىپلەر-تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جيا جيەنۋېي مۇنداق دېدى: سانجى يېزا ئىگىلىك باغچە رايونىدا پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانلىرىدىن باشقا 15 كارخانا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتىنى %88كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى