تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈەن خەيجۈن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىسىدىن توققۇزى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تېمىتىپ سۇغىرىش نەيچىسى، سۇلياۋ يوپۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ ناھىيەدىكى 1 مىليون مو كېۋەزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.
يېقىندا، مۇخبىر يۇڭفا تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە باردى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قارا رەڭلىك ئۇزۇن تېمىتىپ سۇغىرىش نەيچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ئىشچىلار ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، سۈپەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، تېز ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى شەكىللەندۈرگەنىدى.
خاۋتيەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىر تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىشنى، يەنە بىر تەرەپتىن سېتىشنى چىڭ تۇتتى. سېخ سىرتىدا، ئىشچىلار ئاپتوموبىللارغا سۇلياۋ يوپۇقلارنى قاچىلاپ، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىغا توشۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ساۋ شيۇڭشەن مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ ئوبوروتى راۋان بولمىدى، بىز لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سانائەت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىسقا مۇددەتلىك زاپاس مەبلەغنى ھەل قىلدۇق. ھازىر 2000 توننا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىپ، ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىغا 1000 توننا سۇلياۋ يوپۇق توشۇدۇق. ھازىر كۈنىگە 40 توننا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز.
شىنكۇن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لوپنۇر ناھىيەلىك ۋېيدۇڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇدا ئېرىشچان كالىي سۇلفات ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بۇ كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشتى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 1500 توننىغا يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مۆلچەرلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ناھىيەدىكى يېز ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەن، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەش ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىش نەيچىسى، سۇلياۋ يوپۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تېزدىن ئىشلەپچىقىرىپ، 1 مىليون مو كېۋەزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان.
ھازىرغىچە، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالتە كارخانا، بىر سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئىككى خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەندىزىسى»نى تەرتىپلىك باشلاپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشتى.