تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ گاڭ خەۋىرى، فوتوسى): ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرتلارغا چىقىشىغا پاكىز، رەتلىك شەھەر مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۈندې مۇھىت تازىلىقى قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى 130دىن ئارتۇق مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسىنى ھەرىكەتلەندۈردى، ئىشچىلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھەمكارلىشىپ، ناھىيە بازىرىدىكى بارلىق كوچا، كۆكەرتىش بەلبېغى، بىر قەۋەتلىك ئۆي رايونى، يۆتكەپ توشۇش بېكىتى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق سورۇنلارنى چوڭ تازىلىدى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلدى.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى