تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلاردىن جاڭ شىرۈي، ۋۇ چى، گەن جىخۇي خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشىدىكى ئوتتۇرا يولدا ئالمىشىش تۆمۈريول تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى، بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇپ، تۇرپاننىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، يولۇچىلارنىڭ يولغا چىقىشىنى تېخىمۇ تېز، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
«يېقىنقى مەزگىلدە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يولۇچىلار ئېقىمى بارا-بارا كۆپەيمەكتە، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ئەتراپلىق تەدبىر، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.» تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يابىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەرتىپلىك ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى مەخسۇس تەكشۈرۈش يېشىل يولى ۋە پويىز كۈتۈش رايونى ئېچىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن بېكەتكە كىرىش يېشىل يولىغا ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ، بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچ، لىفىت قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ۋوگزالغا كىرىش تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئورنى، ۋوگزال سۇپىسى مۇداپىئەسى قاتارلىق ھالقىلىق ئىش ئورۇنلىرىغا ئادەم كۈچى كۆپەيتىپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر پويىزغا ئولتۇرۇشى ۋە پويىزدىن چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا پويىز كۈتۈش زالى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن باشقا، يەنە ۋوگزالدا تۇرۇشلۇق داۋالاش خادىملىرىغا ماسلىشىپ، بارلىق يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، تەپسىلىي رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئادەملەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يولۇچىلار ۋە تۆمۈريول ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ساغلام يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.