تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى: مۇداپىئەنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، تىجارەتنى چىڭ تۇتۇش

 

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى): ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ساغلام يول يۈرۈش كارتىسى بولۇش، ئۆچىرەتتە تۇرغاندا چوقۇم 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاش... 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى قىسمەن مەنزىرە رايونلىرى ئارقا-ئارقىدىن تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قاتار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى.

    3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كۈتۈۋېلىش زالىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 80دىن ئاز بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىشىپ، كىملىكى بويىچە مەيدانغا كىرىشى تەلەپ قىلىندى، ساياھەتچىلەرنىڭ قار تېيىلىش قوراللىرىنى قايتۇرۇشتا توپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقىتلارغا بۆلۈنۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ كېيىن قايتۇرۇش ۋاقتى بېكىتىلدى.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ يېپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر چوقۇم شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر تارقاتقان ساغلام يول يۈرۈش كارتىسىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك ئىكەن.

  قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن باشقا، شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرى مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن ئەھۋالدا، ئىشىك ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان. 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ھەركۈنى ئېچىلىش ۋاقتى سائەت 10:00دىن 17:00گىچە بولغان، ھەر كۈنى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 3000دىن ئېشىپ كەتمىگەن. تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىن باشقا، سانجى ئوبلاستىدىكى A دەرىجىلىك 46 مەنزىرە رايونىنىڭ 16سى يېقىندا تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە رەسمىي تىجارەت باشلىغان، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، چوڭ بازار 2-قارار، يېمەك-ئىچمەك، قۇرۇق مېۋە، كىيىم-كېچەك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇكانلار نۆۋەتتە مۇھىت تازىلىقى ۋە دۇكاننى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تىجارەت قىلىش شارائىتىغا ماس كەلگەنلىرى ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىغان، تىجارەت باشلىغان دۇكانلار 1000دىن ئېشىپ، تەخمىنەن پۈتۈن دۇكان سانىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇڭسەن باغچىسى قاتارلىق نۇرغۇن باغچىلارمۇ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى تەرتىپلىك ئېچىلغان، قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى، تۇيۇق مەنزىرە رايونى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېچىلغان، تۇرپان شەھىرى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ماسكا تاقاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، توردا ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋېلىشتىن باشقا، كۈندىلىك ساياھەتچى سانىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئومۇمىي سىغدۇرۇش سانىنىڭ %50ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

  مۇخبىرنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار دۆلەت كانچىلىق باغچىسى مەنزىرە رايونى، تارات ئۆرپ-ئادەت كەنتى ۋە كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شىنتيەندى قار تېيىلىش مەيدانى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن. تېببىي خادىملارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن باشقا، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلىق A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە بىر ئاي ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن (3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە).

  بۇنىڭدىن باشقا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى پامىر ساياھەت رايونى، چىڭگىل ناھىيەسىدىكى چىڭگىل لاڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىمۇ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، قاراماي شەھىرى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى