تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر ساھە ھەر كەسىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلاردىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەنىلا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسكا ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر گو جيەن فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى مىچىغ يېزىسى ئارچىغ كەنتىدىكى بىر ياڭاقلىقتا، باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى دېھقانلارنىڭ كىچىك ئەگمە پارنىك ياساش، ئورمانلىقتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چاۋ ۋېييۆ فوتوسى)

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا، پوچتا خادىملىرى پوچتا يوللانمىلىرىنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاقسۇ شەھىرىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا جانلىنىپ، ھەر كۈنلۈك پوچتا يوللانمىسى 3000دىن ئاشقان. ئېلېكتىرونلۇق سودىدا توردا سېتىش ئارقىلىق، ئاقسۇ ئالمىسى، ئۈزۈم، ياڭاق، ھەسەل، مول سېلېنلىق گۈرۈچ قاتارلىقلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلغان. (مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ فوتوسى)

  («ئاقسۇ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ