تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ياشانغانلار تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

(1) ئامال بار سىرتقا چىقماسلىق، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق، ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش، يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوللارنى ئۈزۈپ تاشلاش، چوقۇم سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلگەندە مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

(2) ئۆزىگە بىر يېڭى ساغلام ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، ئارام ۋاقتىنى قانۇنىيەتلىك قىلىش، ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش كېرەك.

(3) ئورگان تاراتقۇلىرى ئارقىلىق نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش، باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك، تارقاتماسلىق، بىھۇدە ۋەھىمىگە چۈشۈش ۋە تىت-تىت بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

(4) ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، سىردىشىپ، تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن يان تېلېفون، ئالاقە تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۆيۈنۈپ، ئۆزئارا قوللاش كېرەك.

(5) ئەگەر قورقۇش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، ئائىلىسىدىكىلەرگە دېيىش، ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگىتىش كېرەك؛ ئەگەر پاسسىپ كەيپىيات ياخشىلانمىسا، ئالاقە تورى ياكى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق كەسپىي ياردەم سورىسا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل