تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆپەيمىدى، بۇ ئۇدا 23 كۈن ئاغرىق مىسالى كۆپەيمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
3-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى ئېلان قىلدى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى 73 بولدى، ئۈچى قازا قىلدى. نۆۋەتتە 472 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.