خەلق تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈەنيۈەن خەۋىرى): «ۋۇخەندىكى تېببىي خادىملارنىڭ مەززىلىك شىنجاڭ گۈرۈچىنى يېگەندە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ‹ياخشى› دېگىنىنى ئويلىساملا، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولۇپ كېتىمەن.» دېدى رۇقىيەم مەتسەيدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، بەش توننا شىنجاڭ گۈرۈچى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارالدىن يولغا چىقىپ، ئون مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى ۋۇخەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
رۇقىيەم مەتسەيدى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى «قۇربان تاغا»نىڭ ئەۋرە قىزى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى تېلېۋىزوردا ۋۇخەننىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ تۇردۇق، شۇنداقلا بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش ئەترىتىگە شىنجاڭنىڭ گۈرۈچىنى ئىئانە قىلىش ئويىمىز پەيدا بولدى، سېغىنىش ۋە تىلەكلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
«مەن خەلق گېزىتخانىسى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا، شۇنداقلا ‹خەلقنىڭ تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى› سۇپىسىنىڭ ھەمكارلاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، دەل سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بىلەن ‹مېھىر-شەپقەت كۆۋرۈكى› بەرپا قىلىنىپ، بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى.» رۇقىيەم مەتسەيدىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «فوند جەمئىيىتى گۈرۈچ توشۇش ئۈچۈن غەم قىلىۋاتقاندا، خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان ‹خەلقنىڭ تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى›نى كۆرۈپ، سىناپ بېقىش مەقسىتىدە خەلق گېزىتخانىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بىر پارچە خەت يازدىم. ناھايىتى تېزلا ‹خەلقنىڭ تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى› خادىملىرىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، توشۇش مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى.»
«خەلقنىڭ تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى» جەمئىيەت كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەقسىز توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ماددىي ئەشيالار ۋۇخەن شەھەرلىك 7-دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارغا ئىئانە قىلىندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان گۈرۈچنى قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەمىنلىگەن. قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە ياڭجىزى گۈرۈچى تېرىدى.
يولغا چىقىش نەق مەيدانىدا، قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ ئەيبو مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر ئائىلە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىمىز. ھازىر بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىمەكچى بولدۇق.»
توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى ئارال شەھىرىنىڭ مەسئۇلى شيا جيەنبىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئورۇنلاپ، قۇربان فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ بىر تۈركۈم مېھىر ـ شەپقەت گۈرۈچىنى ۋۇخەنگە توشۇشىغا ياردەم بېرىمىز!» مۇساپە پىلانى بويىچە، ئىئانە قىلىنغان بۇ شىنجاڭ گۈرۈچى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلىدىكەن.