تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇ: ئاممىۋى ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا بېرىش-كېلىشتە ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇشىغا قارىتا مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى يۈزى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىپ، ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن قولنى يۇيۇپ، ھەر قېتىملىق سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈرۈمچىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، شەخسىي مۇداپىئەنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مىكروب يوقىتىش ۋە كېسەلنى ۋاسىتە قىلغان ھايۋاناتتىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن مىن مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى يولۇچىلار ئېقىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلار ئېقىمىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، قىستاڭچىلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. ئاپتوبۇس بېكىتى، ئاپتوبۇس ئىچى تازىلىقىنى پاكىز قىلىپ، ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرى، ئورۇندۇق، ھالقا-تۇتقۇچلىرى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك.

  ئاممىۋى قاتناش شوپۇرلىرى سالامەتلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ھەمدە ياخشى خاتىرىلەپ مېڭىشى كېرەك؛ ئاپتوموبىل ھەيدەش مەزگىلىدە پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ھەر قېتىملىق سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن رول، ئىشىك تۇتقۇچ، رېشاتكا قاتارلىقلارنىڭ يۈزىنى تازىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك. ئاپتوموبىل يۈرۈش جەريانىدا ياخشى بولغان تەبىئىي شامال ئۆتۈشۈش ھالىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  چېن مىن يولۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ئالدىنى ئېلىش روھىنى ساقلاپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، پەلەي كىيىپ، خۇڭسەنتۇڭ قاتارلىق يولۇچىلار ئېلېكترونلۇق بېلىتىنى ئىشلىتىپ، تېگىشىپ بۇلغىنىشنى ئازايتىش كېرەك. ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن بۇرۇن ئاپتوبۇس بېكىتىدە باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاپ، تەرتىپلىك ھالدا ئاپتوبۇسقا چىقىش كېرەك. ئاپتوبۇسقا چىققاندا ئامال بار تارقاق ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇش، ئۇدۇل ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش جەريانىدا ئېغىز، كۆز، بۇرۇنلارنى قول بىلەن تۇتماسلىق، تۇتقۇچ، ئورۇندۇق قاتارلىق يۇقۇش خەۋپى يۇقىرى ئورۇنلارنى بىۋاسىتە تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن قۇرۇق پاراڭ سالماسلىق، ئولتۇرۇش جەريانىدا بىر نەرسە يېمەسلىك ياكى سۇ ئىچمەسلىك، يان تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك. ئاپتوبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن، بارماقچى بولغان ئورۇنغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئېقىن سۇدا ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول تازىلاش سۇيۇقلۇقى بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھۆل قەغەز بىلەن ئاچقۇچ، يان تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى پاكىز سۈرتۈپ تازىلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ