ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى
مۇھەررىر :
گۈلنۇر تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/03/12 21:32
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى كوناشەھەر دۇڭمېن مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئۈزۈمنىڭ تەكلىرىنى ئېچىپ، باراڭلارغا ئالدى. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان شەھىرىدىكى دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەك ئېچىش، شاخ چاتاش، ئوغۇتلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق مول ھوسۇلغا پۇختا ئاساس سالدى.
3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ داۋانچىڭ رايونى شىگۇ يېزىسى لېيجياگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ماۋ خەنكاڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جۈنجيې بىلەن بىرلىكتە ئۆرۈك دەرىخىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تور ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سورىماقتا.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، شايار ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئىككى نەپەر پراكتىكانتى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازا 2 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرگەن، يەنە تاۋۇز، قوغۇن، خاڭگا قاتارلىق 200 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مېۋىنىڭ مايسىسىنى يېتىشتۈرۈپ، بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشقان.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى، غۇلجا ناھىيەسى سادىقيۈزى يېزىسى سادىقيۈزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىدىكى گۈللەرنى پەرۋىش قىلماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى دۇڭگۇ يېزىلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى يۇڭچۈن جۈسەينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۆسۈملۈكلەر زاۋۇتىدا، ئىشچى پىشقان يېڭى پەمىدۇرلارنى ئۈزمەكتە.
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خېجىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانىدا، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يازغى بۇغداي تېرىماقتا. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالاھىدە مەزگىلى ھەم ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، بۇ شىركەت خېجىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ چارۋىچىلىق مەيدانى 2000 مودىن ئارتۇق يەرگە يازغى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 1600 مودىن ئارتۇق يەرگە بۇغداي تېرىلىپ بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر :
ياقۇپجان تۇرسۇن
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.