تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋىياتسىيە بىناسى ئىچىدىكى بىر قىسىم دۇكانلار تىجارەت باشلىدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يەن يەن، لى يىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىمۇ يولۇچىلار مىقدارىنىڭ ئېشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى دۇكانلار تەدرىجىي تىجارەت باشلىدى، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى، چۈشلۈك ئۇخلاش قۇتىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرمۇ نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە رايونى باشقۇرۇش بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنىڭ سودا مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئايرودۇرۇم ئاۋىياتسىيە بىناسىدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ، دۇكان ئىچىنى جايىدا دېزىنفېكسىيە قىلىپ پاكىز تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەلسىز تەكشۈرۈشنىڭ جايىدا بولۇشىغا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش جايىدا بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى 24 دۇكاننىڭ تىجارەت باشلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدىن توققۇزى، قولاي دۇكان ۋە داڭلىق ماركا دۇكىنىدىن 13ى بار ئىكەن.

  سودا مۇلازىمەت كاپالىتىدىن باشقا، ئايرودۇرۇم يەنە رەسىملىك كۆرسەتمە جازىسىدىن ئالتىنى ياساپ، يولۇچىلارغا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان سالامەتلىك مەلۇم قىلىش مەشغۇلاتىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق، ئادەم كۈچى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆرسەتمە جازىسى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى ھەر قايسى تارقاق رايونلارغا قويۇلغان ھەمدە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پۇكىيى، سالامەتلىكنى مەلۇم قىلىش نۇقتىسى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلاشقان رايونلاردا مەخسۇس خادىملار يولۇچىلارنى يېتەكلەپ، يولۇچىلارنىڭ توپلىشىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى