تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىدى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كۆكتات تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تىرىشپ قاندۇردى. شىنجاڭدا قىش پەسلىلىك كۆكتاتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىچكىرى رايونلاردىن سېتىۋېلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تەمىنلەش كەمچىل بولۇش، قىسقا ئارىلىقتىن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالماسلىق ئەھۋالىغا قارىتا، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە شىنجاڭ 1-دەرىجىلىك كۆكتات توپ سېتىش بازىرى خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭغا كۆكتات سېتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئالتە ئۆلكىگە بېرىپ، كۆكتات تىرانسپورتى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى كۆكتات تەمىنلەش-سېتىش ھالقىسىدا كۆرۈلگەن ئۈزۈش قىيىن بولۇش، سوغۇق پېتى ساقلاش بوشلۇقى يېتىشمەسلىك، ئاپتوموبىل تىرانسپورتى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئەسلىدىكى تەمىنلەش-سېتىش يوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ بازار ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بازار تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ يۇقۇم مەزگىلىدە كۆكتات تەمىناتىنىڭ ئاخىرقى «100 مېتىر»ىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش-سېتىش تولۇق زەنجىرسىمان سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز راۋانلاشتۇردى.

  ھەرقايسى ئۆلكىلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا، ئىچكىرى رايونلارغا بارغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، شىنجاڭ 1-دەرىجىلىك كۆكتات توپ سېتىش بازىرى ئارقىلىق شۇ جايدىكى سېتىش كارخانىلىرى بىلەن 20  نەچچە پارچە يۇقۇم مەزگىلىدىكى كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شىنجاڭنى 177 مىڭ توننا كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنى بېكىتتى. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ بويىچە بازار باھاسىنى جىددىي كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گۈرۈچ، ئۇن، ماي باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن؛ كالا، قوي، چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى مۇقىم بولغان؛ دابەسەي، سەۋزە، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەن، ياڭيۇ، خاڭگا، چەيزە، كۆك لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، تۈرلۈك تۇرمۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، كاپالىتى تەرتىپلىك، باھاسى مۇقىم بولغان.

  «شىنخۇا تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى