تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى قىسمەن قار تېيىلىش مەيدانلىرى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ شياۋلۇڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، بۇ ئالتاي شەھىرىدىكى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

  جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇش يولغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساغلام كىشىلەر توپىغىلا ئېچىۋېتىلىدىكەن. ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش مەيدانىغا كىرگەندە ماسكا تاقاپ تەرتىپنى ساقلىشى، ئۆزئارا 1.5 مېتىردىن چوڭ ئارىلىق ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىغا كىرىشنى ساقلىشى كېرەك ئىكەن. قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىغا كىرگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېرمومېتىر قاتارلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، قىزىپ قالغانلارنى ئايرىش ئۆيىگە ئاپىرىپ ئايرىۋېتىدىكەن ھەمدە شەھەرلىك يۇقۇم قوماندانلىق ئىشتابىغا مەلۇم قىلىدىكەن. قار تېيىلىش مەيدانىغا كەلسە بولىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن دەل ۋاقتىدا تەڭشىلىدىكەن، قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىغا كىرسە بولىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 80دىن ئاشمايدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى يەنە شىنجاڭدىكى تېببىي خادىملارغا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە دوختۇرلۇق كەسپى كىنىشكىسى ياكى سېسترالىق كىنىشكىسى بىلەن ھەقسىز قار تېيىلالايدىكەن ھەمدە 2020-2021-يىللىق قار پەسلىدە يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى قار تېيىلىشى ئۈچۈن، جىياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى ساياھەتچىلەرگە تېلېفون بېرىش ياكى توردا ئالدىن كېلىشىپ، قار تېيىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى.

  شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدە يىللىق ئوتتۇرىچە ياغقان قارنىڭ مىقدارى 86.8 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، قار يېغىش مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ 179 كۈنگە بارىدۇ، قىشتا قارنىڭ قېلىنلىقى 31.3 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ھەرقايسى كۆرسەتكۈچى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىلى، ئالتاي شەھىرىگە يەنە دۆلەت كىلىمات مەركىزى تەرىپىدىن «جۇڭگونىڭ قار شەھىرى» دېگەن دۆلەت كىلىمات بەلگىسى بېرىلگەن.

  داڭلىق جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئالتاي شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ، 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش يولىدىن 33نى ياسىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قار تېيىلىش يولى خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمە ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر. قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2018-2019-يىللىق قار پەسلىدە، قار تېيىلىش مەيدانى جەمئىي 306 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جياڭجۈنشەن قار تېيىلىش مەيدانىدىن باشقا، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يىپەك يولى قار تېيىلىش مەيدانى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىمۇ يېقىندا تىجارەتنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى