فاڭساڭدا مۇھەببەت بار . شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن سالام خەت ⑬ | ۋۇخەندىكى پىدائىي جاۋ ئۇستام قەلبىمنى ئىللىتتى
مۇھەررىر:
نىجات نىياز
2020/03/09 17:51
تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ، سىن فىلىمى، سۈرىتى) «سىلەر بۇنچە بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ، مېھمانخانىدا كۆپرەك ئۇخلاپ، ياخشى ئارام ئېلىۋېلىڭلار، مەن ھەر ۋاقىت سىلەرنى ئاپىرىپ ـ ئەكىلىمەن، خىجىل بولمىساڭلارمۇ بولىدۇ.» ۋۇخەندىكى پىدائىي شوپۇر جاۋ ئۇستامنىڭ ئاددىي-ساددا سۆزلىرى، سېسترا شاۋ جيېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىن ۋۇخەنگە ياردەمگە كەلگەن نۇرغۇن تېببىي خادىملارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
شاۋ جيې شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2-كىلىنىكىلىق تېببىي شۆيۈەنى(2-تارماق دوختۇرخانىسى)نىڭ سېستراسى، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقنى ھېس قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشۇ قەلبى ئىللىق، گەپ-سۆزلىرى چوڭ ئاكىسىغا ئوخشايدىغان پىدائىي شوپۇر جاۋ ۋېيگومۇ بار ئىدى.
سىز ئىشلىتىۋاتقان زىيارەت قىلغۇچ بۇ فىلىم قويغۇچنى قوللىمايدىكەن ، ie8 دىن يۇقىرى زىياەت قىلغۇچ ئىشلىتىڭ