تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتمىسى: ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا «ئالدىنى ئېلىش»نى ئۇنتۇمايلى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭرەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋىرى): شەھەر ئاھاللىرى ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا، شەخسىي مۇداپىئەنى قانداق قىلىشى كېرەك؟ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، بىر مېتىردىن كۆپ ئارىلىق ساقلاش، ئاپتوموبىل گەۋدىسى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قولنى يۇيۇش، ھەر قېتىملىق سىرتقا چىقىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە كېسەل ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىئولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن مىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى يولۇچىلار ئېقىمىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاپتوبوس ئىچىدىكى قىستاڭچىلىقنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. بېكەت، ئاپتوبوسلارنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ، ئىشىك-دېرىزە، ئورۇندۇق، تۇتقۇچ قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى تازىلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك.

  «ئاممىۋى ئاپتوبوس شوپۇرلىرى سالامەتلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ ياخشى خاتىرىلەش كېرەك؛ ئاپتوبوس ھەيدىگەن پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش، ھەر قېتىم يولغا چىقىشتىن بۇرۇن رول، ئىشىك تۇتقۇچى، رېشاتكا قاتارلىقلارنى پاكىز دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. ئاپتوبوس مېڭىۋاتقاندا ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك» دېدى چېن مىن.

  چېن مىن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاش ۋە پەلەي كىيىش كېرەك، خوڭسەنتۇڭ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق بىلەت ئىشلىتىپ، ئۇچرىشىپ يۇقۇملىنىشنى ئازايتىش كېرەك. ئاپتوبوسقا چىقىشتىن بۇرۇن بېكەتتە باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن كۆپ ئارىلىقنى ساقلاپ، تەرتىپلىك ئاپتوبوسقا چىقىش كېرەك. ئاپتوبوسقا چىققاندا ئامال بار تارقاق ئولتۇرۇش ياكى ئۆرە تۇرۇش، بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇش جەريانىدا ئېغىز، كۆز، بۇرۇن قاتارلىقلارنى تۇتماسلىق، تۇتقۇچ، ئورۇندۇق قاتارلىق ئورۇنلارغا بىۋاسىتە تېگىشىشىتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشماسلىق، سۇ ئىچمەسلىك، يان تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك. ئاپتوبوستىن چۈشۈپ، ئېقىن  سۇ ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھۆل قەغەزدە ئاچقۇچ، يان تېلېفوننىڭ سىرتقى يۈزىنى پاكىز سۈرتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى