تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ قىسمەن لىنىيەلىرىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار ليۇ شىنشىن، ۋاڭ شو خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرىدىكى قىسمەن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى.

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30دا، مۇخبىرلار سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىغا كېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا رەتلىك تىزىلىپ تۇرغانلىقىنى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «ياخشىمۇسىز، ئاپتۇبۇسقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىڭ.» ئاپتوبوس شوپۇرى جاۋ ۋېنخۇينىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشى بىلەن، سانجى شەھەر رايونىدا قاتناش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى 4-يولنىڭ تونجى ئاپتوبوسى يولغا چىقتى، بىرلا ۋاقىتتا يەنە 1-يول، 42-يول، 52-يول، 53-يولدىن ئىبارەت بەش لىنىيەدىكى 78 كوچا ئاپتوبۇسىدا قاتناش ئەسلىگە كەلدى.

  سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى 8-يول ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۇڭ تيەنلېي مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، يېزىلارغا قاتنايدىغان 16 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى قەرەلىدە قوزغىلىدۇ، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم قاتنايدۇ، بۇ مەزگىلدە بىز يەنە ئەمەلىي ئەھۋال ۋە يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋاقتىدا تەڭشەيمىز».

  «ھازىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى» دېدى 4-يول ئاپتوبۇسىغا چىققان سانجى شەھىرى ئاھالىسى شېڭ جيەنبىڭ مۇخبىرلارغا.

  سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋېي گۇڭۋاڭ مۇنداق دېدى: ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ نورمال يول يۈرۈش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتۇق. لايىھەگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يېزىلارغا قاتنايدىغان 16 لىنىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15تە ئاۋۋال شەھەر رايونىدا قاتنايدىغان بەش ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى  ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بارلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شەھەر رايونىنىڭ ئاممىۋى قاتناش تىجارەت ۋاقتى مۇنداق بولىدىكەن: تۇنجى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 8:30دا قوزغىلىپ، 20:30دا توختايدىكەن؛ ئوتتۇرىچە قوزغىلىش ۋاقىت ئارىلىقى 10~13 مىنۇت بولۇپ، يولۇچىلار ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقىت ئارىلىقى تەڭشىلىپ تۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى