تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى تىجارەت باشلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار دۈەن شياۋلى، چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا رەسمىي تىجارەت باشلىدى، 1000دىن ئارتۇق سودىگەر دۇكانلىرىنى ئېچىپ، ئومۇمىي سودىگەر سانىنىڭ % 70ىنى ئىگىلىدى.

  سودىگەر تيەن خۇڭفېي بىلەن خوتۇنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى بېزەك ئاپتوموبىلدا دوپپا، سېلىنچا قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۇلار ئۆيىدە نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياساپ، تىجارەت باشلاشنى كۈتۈپ تۇرغان.

  «تىجارەت قىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدىم، بۈگۈن ئاخىر دۇكانغا كەلدىم، ئىشىنىمەنكى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن سودام چوقۇم ياخشى بولىدۇ.» بېزەك ئاپتوموبىل ئىچىدە، تيەن خۇڭفېي بىلەن خوتۇنى ئومۇميۈزلۈك چوڭ تازىلىق قىلدى ھەمدە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە چېچىپ، خېرىدارلارنى خاتىرجەم مال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ 2 - قارارىدىكى بىر سوغۇق چاي دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ما شۆيىن ئۆزىنىڭ تىجارەت قىلىدىغان سوغۇق چاي دۇكىنىدا ئەتە چوڭ تازىلىق قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۆگۈنلۈككە تىجارەت باشلاشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  «ھازىر مۇز ئۆي مەززىلىك تائاملار كوچىسى، زىياپەت زالى، زىياپەت ئەدەبىيات-سەنئەت تىياتىرخانىسى تىجارەت باشلاش شەرتىگە ۋاقتىنچە ئۇيغۇن كەلمىگەندىن سىرت، باشقا دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تەرتىپلىك ئېچىلىۋاتىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چوڭ بازار تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چوڭ بازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنجيەن ئۇلاردىن دۇكان ئېچىشتا پەلەي، ماسكا، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى پۈركۈگۈچ قاتارلىقلارنى سەپلەپ، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

  بەي يۈنجيەن مۇنداق دېدى: تىجارەت باشلىغان مەزگىلدە مەھەللە مەنزىرە رايونىغا خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى رايونلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەتچى خادىملار دۇكان ئىچىدىكى دېزىنفىكسىيەلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ، خېرىدارلارنى بىخەتەر، ئازادە مال سېتىۋېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10:30دىن  22:30غىچە بولىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرىگە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ماسكا تاقىۋېلىشى، تەلەپ بويىچە ئىشىكتىن كىرىشى، ھېسابات قىلغاندا ئۆچىرەتتە تۇرۇش ئارىلىقى 1.5 مېتىردىن چوڭ بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى