تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى پۈتۈن تور نۇقتىسى بويىچە تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  تور نۇقتىلىرى بىر-بىرلەپ ئېچىلىپ تىجارەت باشلىدى، تېز يەتكۈزگۈچىلەر بىر-بىرلەپ ئىش ئورنىغا قايتتى، يوللانمىلار بىر-بىرلەپ تېز سۈرەتتە يەتكۈزۈلدى... ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، يىغىلىپ قالغان يوللانمىلارنى تېزدىن يەتكۈزۈش

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى بەيشى تېز يەتكۈزۈش شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئايرىش مەركىزىدە مۇداپىئە كىيىمى، پەلەي كىيگەن، ماسكا تاقىغان خىزمەتچىلەر يوللانمىلارنى ئايرىۋاتاتتى.

  بەيشى تېز يەتكۈزۈش شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باش دىرېكتورى يې داپېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر كۈنى 60 مىڭ ئەتراپىدا يوللانما قوبۇل قىلىۋاتىمىز، بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ماللارنى ئايرىپ، يوللانمىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە شەھەر ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشتۇق.

  شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار مەسئۇلى لى شوۋگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 55 تىجارەت تور نۇقتىسىنىڭ 41ىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، 700دىن كۆپرەك تېز يەتكۈزگۈچى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك يەتكۈزۈش مىقدارى 80دىن ئاشتى.

  سانجى شەھىرىنىڭ ۋۇيى غەربىي يولىغا جايلاشقان سانجى جۇڭتۇڭ تېز يەتكۈزۈش باش ئىشتابىدا تېز يەتكۈزگۈچىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يوللانمىلارنى رەتلەۋاتاتتى. جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز تىجارەتنى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىمىز، يۇقۇم مەزگىلىدە بېسىلىپ قالغان يوللانما 800 مىڭدىن ئاشىدۇ، بىرنەچچە كۈن جىددىي ئىشلەپ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بۇ يوللانمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئايرىپ، ئارقا-ئارقىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ بولدۇق.

  شىنجاڭ يۈەنتۇڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېنگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈندىلىك زاكاز تالونى يۇقۇمنىڭ ئالدىدىكى مەزگىلىنىڭ %70گە يېتىدۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام تور نۇقتىمىز سانجى، ئۈرۈمچى ئىككى شەھەرگە مەركەزلەشتى، بۇنىڭ ئىچىدە سانجىدىكى يەتتە تور نۇقتىمىزنىڭ ھەممىسى ئىشقا چۈشتى، ئۈرۈمچىدە 45 تور نۇقتىمىز ئىشقا چۈشتى، ھازىر ئاساسلىقى ئىچكىرىدىن ئەۋەتىلىپ بېسىلىپ قالغان يوللانمىلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تارقىتىۋاتىمىز.

  يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاۋات ناھىيەلىك پوچتا شۆبە شىركىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خېرىدارلارنىڭ يولانمىسىنى توشۇش ۋە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، يەنە دېھقانلارغا خىمىيەۋى ئوغۇتنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ۋاقتىدا تەييارلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتى ئۈچتاش يەتكۈزۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقى تەسىس قىلىنغان باشقۇرۇش رايونىدا، پوچتالىيون بەلگىلەنگەن يول ئارقىلىق بىۋاسىتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقىغا يەتكۈزۈلدى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يوللانما ساندۇقى تەسىس قىلىنمىغان رايونلاردا، مەھەللە پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما يەتكۈزۈش پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇن بەلگىلەپ يوللانما يىغىش، ئەۋەتىش، يەتكۈزۈش، ئالدىن كېلىشىپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خادىملارنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ئازايتىلدى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە پوچتا كەسپىنىڭ يەتكۈزۈش ھالقىسىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش نىسبىتى %80كە يېتىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلدى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 345 پوچتا تىجارەت تور نۇقتىسىدا ئىش باشلاندى، ناھىيە بازىرىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 117 يىغىش-تارقىتىش مەركىزى، 104 ئورۇندىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى نورمال يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 220 پوچتا تىرانسپورت يولىنىڭ تىجارىتى نورماللاشتى.

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دېباڭ تېز يوللانمىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى توشۇش-يەتكۈزۈش مەركىزىدە، خادىملار يوللانمىلارنى ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئايرىپ بولۇنغان يوللانمىلار تېز سۈرئەتتە يوللانما يەتكۈزۈش ماشىنىسىغا قاچىلاندى، شۇ كۈنى تەخمىنەن 12 مىڭ دانە  يوللانما يەتكۈزۈلىدىكەن.

  ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تۈرلۈك كەسىپلەرنى جانلاندۇردى

  2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شەرقىي لىنىيە ۋە شىنجاڭ ئىچى لىنىيەسىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ يۈك تىرانسپورتىدا 130 توننىغا يېقىن يۈك توشۇلۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %55 ئاشتى، بازار تىجارىتى ۋەزىيىتى ياخشى بولدى.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى مال توشۇش بۆلۈمى سېتىش، باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان ماللار ئىچىدە داۋاملىق توشۇلۇۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىدىن باشقا، ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلىدىغان كالا ، قوي گۆشى، قۇرۇق، ھۆل مېۋە-چېۋە، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان كىيىم-كېچەك، باش كىيىم، ئاياغ، تىۋىتلىق ئويۇنچۇق قاتارلىقلار، ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭنىڭ ئىچىگە توشۇلۇۋاتقانلىرى ئىچىدە كۆكتات، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلار بار.

    «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا سېتىلىشى شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتىنى جانلاندۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ يۈك تىرانسپورت بازىرىدا داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى مۇمكىن» دېدى ليۇ يى.

  ھازىر، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى %70كە يېتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قولايلىق يارىتىلدى. ئاقسۇ شەھەرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خاۋ جەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، كەسىپلەر رايونىمۇ تەدرىجىي جانلاندى، ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000غا يېقىن زاكاز قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ».

  (مۇخبىرلىرىمىز خېي خوڭۋېي، مېھرىگۈل غوپۇر، ما يىنىڭ، لۇ فېڭباۋ، جاڭ تىڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن نيۇ خەييەن، ياڭ شو، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زو شەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى