ئىللىق قۇياش قار-مۇزلارنى ئاستا-ئاستا ئېرىتكەندەك
شىنجاڭ «قوزغىتىش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ
ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى
ئىلگىرىكى تونۇش ھالەت بارا-بارا روشەنلەشتى
شىنجاڭ تيەنرۈن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئوراش-قاچىلاش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.(3-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
زاۋۇت سېخىدا
ماشىنىلار تۆۋەن ئاۋازدا ئۇچقاندەك ئىشلىمەكتە
يېزىلاردىكى دالىلاردا
سوقا-ساپانلار ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تەييارلىقى قەرەلىدە باشلانماقتا
3-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە
پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئىدارىلەر ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى قاتناشقان بىر مەيدان
ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى پىدائىيلار ۋە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولىدىكى رېشاتكىلارنى سۈرتمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)
ئىدارە، ھويلىلاردىن ئولتۇراق رايونىغىچە
كىشىلەر كوچىلاردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش، شەھەر ئەسلىھەلىرىنى سۈرتۈش بىلەن ئالدىراش بولدى
مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدىكى دۇكانلار ئالدىدا ، مەھەللە خىزمەتچىسى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى)
ئۈرۈمچى
يېپيىڭى قىياپەت بىلەن باھارنى كۈتۈۋالماقتا
ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ
كوچىلاردا ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەر كۆپەيدى
ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە
ھەرخىل تەملىك ئىچىملىكلەر «تۈرلەر بويىچە ئىشلەپچىقىرىلماقتا»
سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭ
سىزنىڭ يوللانمىڭىز ئايرىلىۋاتىدۇ
ماللار تولۇپ تۇرغان سودا ساراي، تاللا بازارلىرى
سىزنى خاتىرجەم قىلىدۇ
سىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان پېچىنە-پىرەنىك ۋە يەل-يىمىشلەر
دۇكاندا سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە
بىتاقەت بولۇپ سېغىنغان ئەتكەن چاي
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قولاي مەھسۇلاتلار
شۇ پېتى تۇرۇپتۇ
ئۇزاق ئايرىلىپ كۆرۈشمىگەن
Tony مۇئەللىممۇ دۇكىنىنى ئاچتى
دۇكانلارغا ئېسىلغان «تىجارەت قىلىۋاتىمىز» دېگەن تاختىلار
ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ
سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا
بۆلجۈرگەننىڭ خۇشپۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلدى
كورلىدا
كورلا نەشپۈتى تەييار بولۇپ
بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ
كۇچا شەھىرىدە
قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچە ئىچىدە يېتىلىپ
دېھقان دوستلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىشقا تەييار بولدى
تۇرپان شەھىرىدە
باغۋەنلەر شاخلارنى پۇتاپ
مول ھوسۇل ئېلىشنى كۈتمەكتە
خوتەن شەھىرىدە
كەنت ئاھالىلىرى بۇغداي ئېتىزلىرىنى ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى
يېشىل ئېتىزلىق ھاياتىي كۈچكە تولدى
ئاتۇش شەھىرىدە
پارنىكتىكى شاپتۇل چېچىكىنىڭ مەڭزى
كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك دەرىجىدە قىزادى
كۆكتوقاي ناھىيەسىدە
چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدىكى زېرەك قوزىچاقلارنىڭ
مويلىرى تەبئىي بۈدرە
جەنۇبتىن شىمالغىچە
زاۋۇتتىن ئېتىز-دالىلارغىچە
بارلىق مەۋجۇدات ئاستا-ئاستا ئويغاندى
ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ ياتقان ئېنېرگىيە ئېتىلىپ چىقتى
ئەمما بوشاڭلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ
يەنىلا ماسكا تاقاپ، قولنى پات-پات يۇيۇش
توپلىشىۋالماسلىق، يىغىلىۋالماسلىق كېرەك