تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ خەۋىرى): يېقىندا، مۇخبىرنىڭ سانجى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، سانجى شەھىرىگە قاراشلىق كۆلەمدىن يۇقىرى 46 سانائەت كارخانىسى ئىچىدە پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان 11 كارخانىدىن باشقا، 18 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش بىر گەۋدە قىلىنغان كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كارخانا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقاردى.

  يەنكۇاڭ شىنجاڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ليۇخۇاڭگۇ كۆمۈر كېنى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى ئىش ئورنى قاتارلىق جايلارغا ئېلېكترونلۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگۈچ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى سەپلەش بىلەن بىرگە، ئىشچىلارغا مۇداپىئە ماسكىسى تارقىتىپ بەردى.

  يەنكۇاڭ شىنجاڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ليۇخۇاڭگۇ كۆمۈر كېنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مېڭ شيەنجيەن مۇنداق دېدى: «كان رايونىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، ھەر كۈنى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۈچ قېتىم ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ. ھازىر، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى مۇقىم، تەرتىپلىك بولماقتا.»

  ئىش باشلىغان كارخانا، ساھەلەردىن قارىغاندا، سانجى شەھىرىدە ئىش باشلىغان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىچىدە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىدىن تۆتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدىن بەشى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، يېقىلغۇ گاز كارخانىسىدىن تۆتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىدىن ئىككىسى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، باسمىچىلىق، كانچىلىق كەسپى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىن بىردىن بار.

  سانجى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. بۇ مەزگىلدە سانجى شەھىرى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى