تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاقىلىق ناھىيەسى: پىدائىيلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدە ئاكتىپ ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى): مەھەللە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قاتنىشىش، «مال يەتكۈزگۈچى» بولۇش، ئاھالىلەرگە كۆكتاتلارنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىش... شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىرلىكتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىگە ئايلاندى.

  چاقىلىق بازىرى لوۋلەن مەھەللىسى 5-نومۇرلۇق ئولتۇراق رايوندىكى ئابلىز مەمەت مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە خىزمەت مىقدارى كۆپ، ئادەم كۈچى يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئەترىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر كۈنى ئولتۇراق رايونىدا ئالدىراش يۈردى، ئۇ ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى تىزىملاپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، كۆچمە نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىشىك ئالدىغىچە قىلدى.

    «پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەھەللىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، بىر كىشلىك كۈچۈمنى چىقىرىش مەجبۇرىيىتىم بار» دېدى ئابلىز مەمەت.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يەككە سودا-سانائەتچى قۇربان ئەيسا «ئۇششاق-چۈشەك» ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دورا، كۆكتات سېتىۋېلىشى، تېز يوللانما ئېلىشى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملەشتى. مەھەللە ئارقا سەپ كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قۇربان ئەيسا ئۆزىنىڭ دۇكان ئاچقان تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە ئۈچۈن ئامال ئويلاپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، «ۋاقىت بەلگىلەپ، مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش» لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەھەللە ئارقا سەپ كاپالەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئۇنىڭ جاپالىق ئەمگىكىمۇ مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار يوق، پەقەت قاتناشقۇچىلارلا بار، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلسەك بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنى ئويلىشىمىز كېرەك، ئومۇمىي خەلق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ <يۇقۇم>غا قارشى جەڭ قىلساقلا، ئەڭ گۈزەل باھارنى كۈتۈۋالالايمىز» دېدى قۇربان ئەيسا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  چاقىلىق ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى شۇ شىلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاقىلىق ناھىيەسىدە 120دىن ئارتۇق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى، ھەر كۈنى 1300گە يېقىن پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئاكتىپ ئىشلىدى.

بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ