3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدا سىرتقا توشۇلىدىغان تاماق شەكىلدە يېمەكلىك سېتىۋالماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ تىجارىتى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلدى. ھەر قايسى چوڭ سودا سارايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سودا ساراينىڭ ئېلېكترونلۇق ئېكرانى، ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارغا «ماسكا تاقاش»، «قول يۇيۇش»، «پەقەت سېتىۋېلىش، ئايلانماسلىق»، «توپلىشىپ يىغىلىشنى ئازايتىش» قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى