تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

395 خادىم «ھۆددە ئايروپىلانى»دا شىنجاڭغا قايتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېڭ گېنساڭ خەۋىرى، فوتوسى): جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيول PPP  تۈرى(قىسقارتىلىپ <ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيول تۈرى> دەپ ئېلىندى)نىڭ 395 خادىمى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ، شىئەن، چۇڭچىڭدىن ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، كورلا ئايرودرومىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونىلى ھېسابلىنىغان تىيانشان غالىبىيەت تونىلىنى ياساشنى ئۈستىگە ئالغان 150 نەچچە قۇرۇلۇش ئىشچىسى بار.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولى تۈر قۇرۇلۇشنىڭ مۇددىتى قىستاپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈر خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولغاچقا، ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ساقلىنىپ، تۈرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

  جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى بولغان جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش 2-تاشيول ئىدارىسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر تۈرىنى باش ھۆددىگە ئېلىش بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى جاڭ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى PPP ئەندىزىسى بويىچە ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى يىرىك پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، پۈتكەندىن كېيىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك چوڭ تاشيولىغا ئايلىنىدۇ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان ئاپتوموبىل مۇساپىسى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ. جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش 2-تاشيول ئىدارىسى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش __ تىيانشان غالىبىيەت تونىلى تىيانشاننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونىلى ھېسابلىنىدۇ».

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە تارماقلارنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە، ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولى تۈرىدە «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كۈن تەرتىپكە كىرگۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ توشۇش لايىھەسى بىكىتىلدى. تۈر خادىملىرى بېيجىڭ، شىئەن، چۇڭچىڭ ئۈچ شەھەردىن مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا قايتىپ، ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى.

  تىيانشان غالىبىيەت تونىلىنى ياساش تۈرىنىڭ مەسئۇلى لى يالۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى-لوپنۇر تۈرىنىڭ كۆلىمى چوڭ، قاتناشقان خادىم كۆپ، مۇساپە ئۇزۇن بولغاچقا، خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم، قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇ قېتىم، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بارلىق خادىملار ئايروپىلانغا ھەقسىز ئولتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى مەخسۇس لايىھە بويىچە، ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ھەممە ئادەمنىڭ سالامەتلىكى 14 كۈن كۆزىتىلدى، تەلەپ بويىچە ئايرىش ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ھەم بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ، خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش 2-تاشيول ئىدارىسى 2-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، رايونغا، تۈركۈمگە بۆلۈپ پىلانلىدى، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قىيىن نۇقتىسىنى بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلىپ، مەخسۇس لايىھە ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر تۈزۈپ، تۈرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا، ئىشنىڭ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى