تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىچى تۆمۈريولىنىڭ كۆپ يۆنىلىشتىكى پويىز بېلىتى سېتىلىپ بولۇندى، بېسىق مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ يولغا چىقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈشىنى بارا-بارا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئىچىدە ھەرقايسى جايلاردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان، ئۈرۈمچىدىن قايتىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى روشەن كۆپەيگەن بولۇپ، كۆپ يۆنىلىشتىكى پويىز بېلەتلىرى سېتىلىپ بولغان، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلارغا بېسىق مەزگىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ يولغا چىقىشقا تەكلىپى بەرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئوق پويىز گۇرۇپپىسى 21 قېتىم، ئادەتتىكى پويىز 20 قېتىم قاتنىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا، بورتالا، كورلا، قومۇل، قاراماي ئارىلىقىدا ئوق پويىز ۋە «گۈللىنىش ناملىق» پويىز ئاساس قىلىنغان، باشقا يۆنىلىشلەردە ئادەتتىكى پويىز ئاساس قىلىنغان، يول يۈرۈشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن پويىزلار پەقەت تۆمۈريول يۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاز قىسمىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى يۆنىلىشلەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى مەركەزلىك قويۇپ بېرىلگەچكە، ھەرقايسى يۆنىلىشلەردىكى پويىز بېلەتلىرى بىر قەدەر قىس بولغان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 20گىچە، غۇلجا، بورتالا ۋوگزالىدا بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلەتلىرى ئاساسەن سېتىلىپ بولغان، كورلا، قومۇل ۋوگزالىدا ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلەتلىرى ئاساسەن سېتىلىپ بولغان، قارامايدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلىتى خېلى كۆپ ئېشىپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىدىكى پويىز بېلەتلىرىمۇ نىسبەتەن قىس بولۇپ، بۇ ھەپتىلىك قوش يۆنىلىشتىكى پويىز بېلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سېتىلىپ بولغان.

  شىنجاڭ سىرتى يۆنىلىشىدە، شىنجاڭدىن چىقىدىغان پويىز بېلىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر يېتەرلىك ئىكەن، شىنجاڭغا كىرىش يۆنىلىشى ئىشلەمچى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر چوڭ ئۇچراپ پويىزنىڭ بېلىتى قىس بولغان، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، شىئەن، جېڭجوۋ قاتارلىق يۆنىلىشلەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىز بېلەتلىرى سېتىلىپ تۈگىگەن، پەقەت «تولۇقلاش» شەكلىدە بېلەت سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشمىغاچقا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىش يەنىلا داۋاملىشىدۇ، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا ئوخشاشلا توپلاشماسلىقى، ماسكا تاقىشى، قولىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى كېرەك. ناۋادا قايتىشتىن بۇرۇن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال قايتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. قايتىش جەريانىدا، ۋاگوندا ماسكا تاقاپ شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك، تۆمۈريول مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بويىچە، ئىمكانقەدەر تارقاق ئولتۇرۇپ، ۋاگوندا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرمەسلىك كېرەك. قايتقاندىن كېيىن، بەدەن تېپېمراتۇرىسىنى ئۆلچەش ۋە ئۇچۇرلارنى تىزىملاشقا ماسلىشىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەرلىك ئۇخلاپ، ياخشى ئوزۇقلىنىپ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەن ئورگانىزمىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېقىۋاتقان سۇدا قولنى پاكىز يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ياخشى بولغان شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى