تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھەر قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سو روڭجى، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ خاۋ خەۋىرى ، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس يولۇچىلار بېكىتى، ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ 12 شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنىڭ تىجارىتى ئەسلىگە كەلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان دىڭ خۇ ئەتىگەندىلا شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىگە بېرىپ بېلەت سېتىۋالدى.

  «بۇ يەر بەك پاكىز بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار دائىم ئالدىراش يۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن بىز يولۇچىلار ئىنتايىن خاتىرجەم بولدۇق» دېدى دىڭ خۇ. ئۇ مورى ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ئەسلىگە كەلگەچكە، ئۇ قايتىپ كېتەلەيدىغان بولغانىدى.

  «بىز تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بىرىنچى كۈنى بېكەتنى ئومۇميۈزلۈك تازىلىدۇق.» دېدى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ فۇگو، بېكەتتىكى 40 نەچچە ئادەم بېلەت سېتىش زالى، ئاپتوبۇس كۈتۈش زالى، تەكشۈرۈش سۇپىسى، يولۇچىلار چۈشۈش رايونى، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ، يولۇچىلارغا پاكىز، ئازادە مۇھىت ھازىرلىدى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس يولۇچىلار بېكىتى ئىزچىل تۈردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تىجارەت قىلدى. بېكەتتىكى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈشكە مەسئۇل 20 نەچچە كىشى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دا، كەچ سائەت 9دا بېكەتنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى ھەم يولۇچىلار ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىغا ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق چىراغ ئورنىتىپ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈردى.

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8دە، تاكسى شوپۇرى ئەكرەم تۇراپ دەسمال، چىلەكنى ئېلىپ تاكسىنىڭ ئىچى-سىرتىنى پاكىز تازىلىدى. «مەن ھەركۈنى يولغا چىققاندا، قايتقاندا تاكسىنى پاكىز سۈرتىمەن، بۇنداق قىلغاندا ئۆزۈممۇ خاتىرجەم بولىمەن، ئولتۇرغان يولۇچىلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ.» ئەكرەم بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن سۇ سەپكۈچ ئارقىلىق دېزىنفېكسىيە قىلدى ھەم دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چېچىلغان دەسمال بىلەن يولۇچىلار ئاسان تېگىشىپ تۇرىدىغان رايونلارنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  دوڭچۈەن يولى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، تازىلىق خادىملىرى، ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، بېكەت نۆۋەتچىلىك ئۆيى، يەر يۈزى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك تازىلىدى.

  بۇ شىركەتنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما گوۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شىركەت قارىمىقىدىكى 40 ئاپتوموبىل مەيدانىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تازىلىق خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈن توختىماي تازىلاپ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30 دىن 6 گىچە بارلىق ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ قالدۇرغان خادىملىرى ۋە ئورگان كادىرلىرى مەركەزلىك تازىلىق قىلىشقا قاتناشقان، ھەمدە مەركەزلىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

  «بىز پاكىز مۇھىتنى ساقلاپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى ما گوۋۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى