تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا ۋوگزالى كەڭ يولۇچىلارغا ئەسكەرتتى: 12 قېتىملىق پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلدى

  ياشىن تورى خەۋىرى (مۇخبىر جىڭ لىجۈن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كورلا ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭ ئىچى يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدىكەن، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىدىن ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىز، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى، ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتارلىق 12 پويىز بار ئىكەن.

  ئۈرۈمچى بىلەن كورلا ئارىلىقىدا قاتنايدىغان دىنامىكىلىق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ئوق پويىزنىڭ ئىچىدە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان C8118/9، C8102/3 قېتىملىق، C8110/1 قېتىملىق ۋە كورلىدىن يولغا چىقىدىغان C8112/09 قېتىملىق، C8120/17 قېتىملىق پويىزلارنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ كورلىدىن يولغا چىقىدىغان C8104/1 قېتىملىق پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئىچىدە، 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان T9516/7 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن؛ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ قەشقەردىن يولغا چىقىدىغان T9518/5 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا قاتنايدىغان  ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئىچىدە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان T9526/7 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن؛ 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ خوتەندىن يولغا چىقىدىغان T9528/5 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ  ئىچىدە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان K9722/3 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن؛ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئاقسۇدىن يولغا چىقىدىغان K9724/1 قېتىملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  كورلا ۋوگزالى كەڭ يولۇچىلارغا ھەر قېتىملىق پويىز بېلىتىنى ئالاقە تورى، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سېتىۋېلىشىنى ئەسكەرتتى. يولۇچىلار ۋوگزالنىڭ ئۇقتۇرۇشى ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى» (新疆铁路) ئۈندىدارى، مىكروبىلوگ سۇپىسىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ تۇرۇشى ياكى جۇڭگو تۆمۈريول يولۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزى 12306 تور بېكىتىگە چىقىپ، 12306 مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ تەپسىلىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈشى، پويىزنىڭ يۈرۈش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى