تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز ئەسلىگە كەلدى، ئايروپىلان كۈنىگە ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلدى

  ياشىن تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ جۇڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ غۇلجا ۋوگزالىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، غۇلجا بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، 13:30دا غۇلجىغا يېتىپ بارىدىغان C8741-قېتىملىق (ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ،  13:50دە قوزغىلىدىغان C8746-قېتىملىق (غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان) نۆۋەتچى  پويىزنىڭ، 23:31 دا غۇلجىغا يېتىپ بارىدىغان C8749-قېتىملىق (ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، 8:20دە قوزغىلىدىغان C8742-قېتىملىق (غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ، 18:05دە غۇلجىغا يېتىپ بارىدىغان C8745-قېتىملىق (ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ، 18:29دا قوزغىلىدىغان C8750-قېتىملىق (غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ، 5:53تە غۇلجا ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ  6:15تە قوزغىلىدىغان K9789-قېتىملىق (ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، غۇلجا ۋوگزالىغا 20:54تە يېتىپ كېلىپ، 21:00دە قوزغىلىدىغان K9790-قېتىملىق (قورغاستىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان) نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇخبىرنىڭ غۇلجا (نارات) ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۈنىگە ئۈچ قېتىمغا كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، نۆۋەتچى ئايروپىلان يەنە تەدرىجىي كۆپەيتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى