تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەسلىدىلا يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىق بار ئىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قىيىنچىلىقنى يەنە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلار تېخىمۇ مۈشكۈللەشتى، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەرگىز بوشىشىپ كېتىشكە، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ھازىرلانغان پايدىلىق شارائىت چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن جەزمەن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، «ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەرگىزمۇ ئاسانلا، بىر ھۇجۇم بىلەنلا يەڭگىلى بولمايدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتتىن ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقىچە، يەنە ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەك ئەڭ جاپالىق يولنى مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرى مۈشكۈل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور. بولۇپمۇ يۇقۇم بىر قىسىم جايلاردا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش توسالغۇغا ئۇچراش، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قىيىن بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش توختاش، بىر قىسىم يۇقۇم ئېغىر رايونلاردا ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتى تەسىرگە ئۇچراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئالدىدا، جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كىرىچنى چىڭىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، يۇقۇم ياكى ئاپەت نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ زەربىسى قىسقا مۇددەتلىك، ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. بىز ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىسەك ۋە كېڭەيتسەكلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتالايمىز. شۇنى تېخىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن، بىز قولغا كەلتۈرگەن ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ مەدىتى ۋە خىزمەت كۈچى يېتەرلىك، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارمۇ مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى. مۇھىمى بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، زېھنىنى باشقا ياققا بۇراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ كىرىچىنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، قانچە كەينىگە بارغانسېرى بۇ كىرىچنى شۇنچە چىڭىتىش كېرەك، توختاپ قېلىشقا، بىپەرۋالىق قىلىشقا، بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. پەقەت بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش شارائىتى، ئىقتىدارىغا تامامەن ئىگە بولالايمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە جەزمەن باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يۇقۇم بولمىغان ياكى يۇقۇم يېنىكرەك بولغان رايونلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاۋۋال مەدەت بېرىشى، كۆپ خىل يول ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى دىققىتىنى يىغىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق، تاماملىنىدىغان يىلى يەنە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىدى، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرىلىدى. بىز چوقۇم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى